6-ئاينىڭ 2-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاق قۇ دەرياسى بويى، مىنشېڭ يولى قاتارلىق جايلىرىدا، مەشۇت دەرىخى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. «سېغىنىش دەرىخى» دەپ نام ئالغان مەشۇت دەرىخىنىڭ شاخلىرى بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، خۇش پۇرىقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، ئىنچىكە گۈل يىپچىلىرى ئورىلىپ يۇمران پۆپۈككە ئايلانغان بولۇپ، شەكلى خۇددى ئەپچىل قاتلىما يەلپۈگۈچكە ئوخشايدىغان گۈللەر شاخلارغا لىق تولىدۇ. مەيىن شامال چىقىپ، گۈل شاخلىرى ئىرغاڭلاپ، سۇس خۇش پۇراق چېچىپ، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى. مەشۇت دەرىخى گۈلى «ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئامان-ئېسەن بولۇشى»غا سىمۋول قىلىنغان، تاماشا قىلىنىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، شەھەرنى كۆكەرتىش ۋە ھويلا-ئارانلارنى كۆكەرتىشتىكى ئەڭ ياخشى دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنزىرە تاماشا قىلىشتىكى ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى.

كورلىدا مەشۇت دەرىخى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

(كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ما لىجۈەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى