□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\خۇ لياۋرەن
گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋنىڭ خۇاڭپۇ چاڭجوۋ ئارىلى، دەريا شامىلى كۈچلۈك ئىدى، مەكتەپ بىناسى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. 1924 - يىلى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى مۇشۇ جايدا قۇرۇلغان، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىشىپ ئىنقىلابىي تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەن.
2024 - يىلى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى 1 - قېتىم گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى ئىنقىلابىي قوشۇن كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەن تۇنجى مەكتەپ.»
تارىخ ئىزلىرىنى بويلاپ قايتا نەزەر سالساق، 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىكى جۇڭگو ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغانىدى. ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگونى تالان - تاراج قىلىشنى تېزلەتتى، مىلىتارىستلار ئايرىلىپ تۇردى، قالايمىقان ئۇرۇشلار بېسىقمىدى، دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قالدى، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالدى.
دۆلەتنىڭ چاك - چېكىدىن پارچىلىنىش ھالىتى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولدى. 1923 - يىلى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 3 - قۇرۇلتىيىدا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەخسىي سالاھىيەت بىلەن گومىنداڭغا كىرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى ساقلىشى قارار قىلىندى.
گۇاڭجوۋنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى ئادەتتىكى كوچىلارنى كېسىپ ئۆتكەندە، ۋېنمىڭ يولى 215 - نومۇردا، سېرىق رەڭلىك جۇڭلوۋ بىناسى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، رۇڭشۇ دەرەخلىرى ياپيېشىل سايە تاشلاپ تۇراتتى.
بۇ جاي جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان كونا جاي بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىش تارىخىنى چۈشىنىشىدىكى جانلىق دەرسخانىغا ئايلاندى. 1 - قەۋەتتىكى زالغا كىرگەندە، ئەينى يىللاردىكى يىغىن مەيدانى ئەسلىي ھالىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قاتار - قاتار ئورۇندۇقلار رەتلىك تىزىلغانىدى.
1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا سۈن جۇڭشەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 165 ۋەكىل ئىچىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدىن 20 نەچچە كىشى بار. قۇرۇلتايدا «جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيى خىتابنامىسى» قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلار، ئىشچىلارغا يار - يۆلەك بولۇش ۋە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىنقىلابىي سىياسەت بېكىتىلدى.
گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى 1 - قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، گۇاڭجوۋنى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابىي كۈچلەر توپلانغان، جاھانگىرلىككە ۋە فېئودال مىلىتارىستلارغا قارشى تۇرىدىغان ئىنقىلاب يېڭى ۋەزىيىتى ناھايىتى تېزلا بارلىققا كەلدى.
1925 - يىلى 5 - ئايدا، شاڭخەيدە پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان 30 - ماي قانلىق ۋەقەسى يۈزبەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 30 - ماي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا ناھايىتى زور دەرىجىدە راۋاجلاندى. پارتىيە ئەزالىرى شۇ يىلنىڭ بېشىدىكى 1000 كىشىگىمۇ يەتمەسلىكتىن، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ 10 مىڭ كىشىدىن ئاشتى.
1926 - يىلى 7 - ئايدا، گومىن ئىنقىلابى ئارمىيەسى گۇاڭجوۋدا قەسەم بېرىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي باشلىدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول بويى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى تايانچ قىلغان يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى ئالدىن يۈرۈش قىسمى بولۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ، ۋۇچاڭ شەھىرىدە قانلىق جەڭ قىلدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جۇجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغىچە جەڭ قىلىپ، توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى.
1924 - يىلىدىن 1927 - يىلىغىچە، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىشىپ قوزغىغان بۇ مەيدان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىر قېتىملىق داغدۇغىلىق مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب بولدى. شۇ چاغدىكى ياش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ بۇ ئېقىندا تېز ئۆسۈپ يېتىلدى.
گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىدىكى بىرلىك سەپنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش تەجرىبىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبە قازىنىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى.
گومىن ئىنقىلابى بىرلەشمە سېپى، ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىيەسى بىرلىك سېپى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى، خەلق دېموكراتىيەسى بىرلىك سېپى، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى... «ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىش»، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئېنىق نىشان ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ دەۋر ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» يېڭى مۇساپىدە، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)






