تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 24 - تۈركۈمدە ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسىدىن 48نى بېجىرىشكە تاپشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى 24 - تۈركۈمدە بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسىدىن 48 پارچىنى تاپشۇرۇۋالدى (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو بەش پارچە)، بۇنىڭ ئىچىدە، تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 36 پارچە، خەت ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 12 پارچە. 48 پارچە دېلو ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى 30 (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو ئىككى پارچە)، قومۇل شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى تۆت (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو ئىككى پارچە)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو بىر پارچە)، قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى ئىككى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى ئىككى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى بىر، تۇرپان شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى بىر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى بىر، خوتەن ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى بىر.

بۇ تۈركۈمدە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرى ئىچىدە، مۇھىت بۇلغىنىش تىپىغا ئاساسەن ئايرىغاندا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى 17پارچە، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئون پارچە، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى توققۇز پارچە، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئالتە پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى بىر پارچە، باشقا بۇلغىنىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى بەش پارچە.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا جەمئىي بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسى جەمئىي 24 تۈركۈم قېتىمدا 1221 پارچە (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو 91 پارچە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 1022 پارچە، خەت ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 199 پارچە. يۇقىرىقى ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرى شۇ جايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى

كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش ۋاقتى: 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە

مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A454 نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى

مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6072656 - 0991

پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 22:00گىچە

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.