تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مورىلىق ياشلار جاڭجوۋدا «ئىگىلىك تىكلەش شېرىكلىرى»نى تاپتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليەن خەيبىن، چېن شىخۇي

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جاڭجوۋ شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، «فۇجيەن بىلەن شىنجاڭ قەلبداش بولۇش . تاغ - دەريالاردا سەپەرداش بولۇش» باش تېمىسىدىكى بىر مەيدان «ئۈچ تاغ ياشلار سەپىرى» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ياش كارخانىچىلار، مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ فۇجيەن جاڭجوۋغا بېرىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى جاڭجوۋ شەھىرىدە قانات يايدۇرۇلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن 20 نەپەر ياش كارخانىچى ۋە مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىلى 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ھالقىپ جاڭجوۋ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولۇپ، جاڭجوۋدىكى يەرلىك ۋە جاڭجوۋدىكى تەيۋەن ئۆلكىسىلىك ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ بىر قېتىملىق ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش بولماستىن، بەلكى تىيانشان تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، ئالىشەن تېغى ھەمتۈرتكە بولىدىغان ياشلىق باھارى كاتتا مەرىكىسى.

بەش كۈن ۋاقىتتا، بۇ ئۈچ جايدىكى ياشلار چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي «ئىگىلىك تىكلەش شېرىكلىرى»نى تاپتى.

يېزا - كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئۆزگىچە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىش مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياش لى شياۋتيەننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئەڭ تەخىرسىزلىك بىلەن ئىزدىنىۋاتقان يۆنىلىشى. مورىنىڭ دۇڭچېڭ بازىرى شېنجياگوۋ كەنتىدە، لى شياۋتيەن دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، «يىلىن شەنيۈەن» ناملىق بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ئاچقان. ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك يېزا - كەنت مەنزىرىسىگە تايانغاچقا، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاساسەن ھەر كۈنى مېھمانلار بىلەن توشۇپ كەتتى. لېكىن ئۇ نوقۇل ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك رىقابەت كۈچى شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، شۇڭا ئۇ ئىزچىل پەرقلىق، ئۆزگىچە تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.

جاڭجوۋ قەدىمىي شەھىرىدە ئايلانغاندا، قىزىل خىش بىلەن سېلىنغان قەدىمىي ئۆيلەر بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، جەنۇبىي فۇجيەن ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتى يېڭى نۇر چېچىپ تۇراتتى، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى لى شياۋتيەننى جەلپ قىلىۋالدى. جاڭجوۋ شەھىرى دۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ خەيداۋيۈ كەنتىدە، تۇتاش كەتكەن ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانىلار سۇ بويلاپ سېلىنغان، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ ھالىتى كۆپ خىل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ مەنزىرە ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، پىكىر يولىنى بىردىنلا يورۇتتى.

«جاڭجوۋ شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە چۆكۈش شەكلىدىكى تەسىراتنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن» دېدى لى شياۋتيەن. مورىنىڭ يەرلىك بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇ: كەڭ يايلاق، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسمان، ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يايلاق مەنزىرىسى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرۈپ دالىدا قونۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يېپيېڭى پىكىر يولىنى رەتلەپ چىقتى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۋۇرى ئۈچ جايدىكى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى جاڭجوۋ سەپىرىدە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك ياشلار بىرلەشمىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مورى بازىرى «بەيچياڭ مېۋىچىلىكى» دۇكىنىنىڭ ئىگىسى بەي چياڭ تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن ئەستايىدىل كۆزەتتى.

2017 - يىلى، بەي چياڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇپ مورىغا كەلدى، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ شۇ جايدا قېلىپ يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. ئۇ قۇرغان «بەيچياڭ مېۋىچىلىكى» دۇكىنى ھازىر تەرەققىي قىلىپ شۇ جايدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مېۋە سېتىش دۇكىنىغا ئايلىنىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەسىللىك مېۋىلەرنى مورىغا كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن شۇ جايدىكى مېۋىلەرنى سېتىپ چىقىرىپ، بۇ جايدىكى باغۋەنلەر ئىشىنىدىغان «مېۋە باشقۇرغۇچى»غا ئايلاندى.

جاڭجوۋدىكى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى كۆرگەزمە سارىيىدا، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلارنىڭ «ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ مەغلۇپ بولماسلىق»تىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش روھى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «كارخانا قۇرۇش، ئىش قىلىشتا دەل مۇشۇنداق غەيرەت بولۇشى كېرەك!» دېدى بەي چياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

جاڭجوۋدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بەي چياڭ ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، زاكازلىق تىجارەت قىلىش - ئاسراش، «ئالدىدا دۇكان، كەينىدە زاۋۇت بولۇش»، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق پىشىپ يېتىلگەن تىجارەت ئەندىزىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، «بۇ تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدىكەن، مەن بۇ تەجرىبىلەرنى مورىغا ئېلىپ بېرىپ، كەسپىمنى تېخىمۇ زورايتىمەن!»

يالغۇز لى شياۋتيەن، بەي چياڭ قاتارلىق ياشلار ئىگىلىك تىكلەشتىكى «ھەقىقىي تەجرىبە»لەرگە ئېرىشىپلا قالماي، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياش جاڭ شىنيۈەنمۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئېلېكتىرونلۇق سودىدا دۇچ كەلگەن «قىيىن ئەھۋالنى يېڭىش» ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.

بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن جاڭ شىنيۈەن «بۇيۈەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق» پىلانى مورى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇنىڭ يەنە شىنجاڭ سىرتىدا مەستانىلىرى خېلىلا كۆپ بولغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئەترىتى بار. بىراق، ئۇنىڭ كوللېكتىپى توردا نوقۇت، تۆگە سۈتى قاتارلىق مورىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا بوغما ھالەتكە يولۇقۇپ، سېتىپ چىقىرىش مىقدارى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەنىدى.

جاڭجوۋدىكى تەيۋەنلىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش رايونى ئىككى قىرغاق ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدا، ئۇ «قىيىن ئەھۋالنى يېڭىش»تىكى ئاچقۇچنى تاپتى. بۇ جايغا تەيۋەن ئۆلكىسىلىك ياشلار ئىگىلىك تىكلەپ قۇرغان 50تىن ئارتۇق كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ۋاكالىتەن تىجارەت قىلىش ۋە ماركا پىلانلاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جاڭ شىنيۈەن خۇددى قەدىناس دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندەك، نەق مەيداندا بۇ ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە ۋېيشىنلىرىنى ئۆزئارا قوشۇۋېلىپ، «تۈرلەرنى توردا پاراڭلىشىش»قا پۈتۈشتى. جاڭ شىنيۈەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئېھتىياج تىزىملىكىنى رەتلەپ، تىرىشىپ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېز باشلاپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بىرلەشتۈرۈپ، مورىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى ئىجادىي لايىھە ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشنى پىلانلىدى.

«ئۈچ تاغ ياشلار سەپىرى» ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئۈچ جايدىكى ياشلارنىڭ سۆھبەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى جاڭجوۋ شەھىرىنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى دۇڭشەن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن نەق مەيداندا ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر يىلى ياشلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۆزئارا ئەۋەتىش، ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈشتى. ئىككى جايدىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مەدەنىيەت - ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە دائىملىق ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. مورى ياشلىرىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى، نوقۇت، قوي گۆشى، تۆگە سۈتى قاتارلىق مورىنىڭ بىر تۈركۈم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «جاڭجوۋدا شېرىك»لەرنى تاپتى، جاڭجوۋ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كارخانا مورىدىكى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

«جاڭجوۋ سەپىرىدە بىز ياخشى دوست تۇتتۇق، ياخشى تەجرىبىلەرنى ئۆگەندۇق، يەنە بازار يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مول ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق» دېدى شىنجاڭ چاڭمېي تۆگە سۈتچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى شيا چيۇيۆ.

تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاياغلاشتى، لېكىن ئۈچ جايدىكى ياشلارنىڭ ۋېيشىن توپىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى باشتىن - ئاخىر سۇسلاپ قالمىدى. لى شياۋتيەن توپتا مورى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئېسىل سۈرەتلىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى ھەم كۆپچىلىكنى مورىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى؛ شيا چيۇيۆ مورىدىكى تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى؛ جاڭ شىنيۈەن جاڭجوۋدىكى تەيۋەن ئۆلكىسىلىك ئۇستاز ئەۋەتكەن ئېلېكتىرونلۇق سودا تەربىيەلەش دەرسلىكىنى ھەمبەھرىلىدى... تاغ - دەريالار ئىككى جاينى ئايرىپ تۇرسىمۇ، ھەربىر قېتىملىق ئىللىق ھەمتۈرتكە بولۇشتىن ئارىلىق تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

«ئىلگىرى فۇجيەننى ناھايىتى يىراق ھېس قىلاتتىم، ھازىر يېنىمىزدىكىدەكلا ھېس قىلىمەن.» جاڭ شىنيۈەن ھاياجانلانغان ھالدا بارلىق مورى ياشلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.

«ئارىلىقىمىز ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، ئەمما بىر مەقسەتتە تەڭ ئىلگىرىلەيمىز. پائالىيەت ئۈچ جايدىكى ياشلار ئارىسىدا قەلب كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا سىردىشىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، ھەمكارلىشىش جەريانىدا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جاڭجوۋ شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ رۇڭسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىنغان تۈرلەرنى سىجىل ئىزلاپ تەكشۈرۈپ، «ئۈچ تاغ ياشلار سەپىرى» ماركىسىغا تايىنىپ، دائىملاشقان ئۇدۇللاشتۇرۇش ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، «مورى مەھسۇلاتلىرى + جاڭجوۋ تېخنىكىسى + تەيۋەنلىك ياشلار ئىجادىيىتى»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.