□شىن شىجيەن
6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرىنى قوللىنىش يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ساھە - كەسىپلەرگە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەدبىر.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»، شىنجاڭ ھەرىكەتتە. بۇلتۇر 11 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى؛ بۇ يىل 1 - ئايدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +> ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت لايىھەسى (2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىندى؛ 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى... بىر قاتار جىددىي بولغان يۇقىرى قاتلاملىق تۈرتكە بولۇش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۇ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ھالقىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق. ئەگەر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەزمەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىدە يىلتىز تارتىشى كېرەك دېيىلسە، ئۇنداقتا، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نى ئالغا سىلجىتىشمۇ ئوخشاشلا «باشقىلاردا يوقلىرى بىزدە بار، باشقىلاردا بارلىرىنىڭ بىزدە ئەلالىرى بار» دەيدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشقا ئېھتىياجلىق.
ھېسابلاش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى جەزمەن مىقداردىن ئاشۇرۇپ ھېسابلاش ئىقتىدارى ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (قاراماي) بۇلۇت ھېسابلاش ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ھېسابلاش ئىقتىدارى توپلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى تۇنجى «كىۋانت + كىلاسسىك ھېسابلاش ئىقتىدارى» ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، ئالتاي يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇش ... ھېسابلاش ئىقتىدارى رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىدىكى يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» تېز تەرەققىي قىلىشى، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى كېرەك، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى ئالدىدا مېڭىشى، يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىشتە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، شىنجاڭ بويىچە ھېسابلاش ئىقتىدارى «بىر تور»ىنى بەرپا قىلىپ، «يېشىل توك + ھېسابلاش ئىقتىدارى»نىڭ چوڭقۇر باغلانما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارىنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
كۆپ خىل قوللىنىش ھالىتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى مەشىق قىلىدىغان مەيدان. بۇ خىل ھالەت قەيەردە بولسا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇ يەردە. شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، 10 مىليون مو دەرىجىلىك ئېتىز، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى مىڭ چاقىرىملىق نېفىت رايونى، 8600 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نەچچە يۈز مىليون توننىغا يېتىدىغان كۆمۈر كان بار... مول قوللىنىش ھالىتى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كەڭ دائىرىدە «ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان شارائىت» بىلەن تەمىنلىدى. ھالەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نىڭ «قوشقان» كۈچىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇش، كەسىپلەر تىپىنى يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ «باشلامچى»لىق ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىسادنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىغا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نىڭ ماھىيىتى «ئەقلىي ئىقتىدارنى بارلىققا كەلتۈرۈش» بولۇپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشتىكى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش جەريانى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا كەسپىي ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم ئارقىلىق كۈچ قوشۇشىغا ئېھتىياجلىق، تېخىمۇ كۆپ رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئېھتىياجلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا دائىر چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى «يېڭىلىق يارىتىش» ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ «رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدار» مۆجىزىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە رىقابەت ئەندىزىسىنى دەل جايىدا ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن بىز خىرىسقا تاقابىل تۇرالايمىز، كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچالايمىز. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چوقۇم جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىدۇ. لېكىن خەلقئارا بازارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى بىزنى سېلىشتۇرۇش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ھالقىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش داۋامىدا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»نىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئارقىلىق تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىش، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سىرتقا يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئارقىلىق كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.
يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلەر ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت، يېڭى مۇسابىقە يولى ھەربىر رىقابەتچى، يېڭىلىق ياراتقۇچىنىڭ ھەممىسىگە كەڭ ئوچۇق. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نى چىڭ تۇتقانلىق تەرەققىيات كەلگۈسىنى چىڭ تۇتقانلىق. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ جەزمەن ئازراق بوش قويۇۋەتسىلا قولدىن كېتىدىغان تەرەققىيات پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، جاسارەت بىلەن يېتىشىپ مېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى ھەممە بەس - بەستە ئىلگىرىلەۋاتقان «رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار» ئېقىمىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.






