− شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە دائىر يۈرۈشلۈك كۆزىتىش (1)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي
5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يېرىم كېچىدە، خەن جياچېڭنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدىكى چىراغ تېخىچە يېنىپ تۇراتتى، ئۇ يېنىدىكى كىچىك خاتىرە دەپتەرنى چىقىرىپ، كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە كەلگەن ئىلھامىنى تېز سۈرئەتتە خاتىرىلىۋالدى: «كېيىنكى سىننىڭ سېنارىيەسى مۇشۇنداق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدۇ.» ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل «ھاياجانلىنىش» ھالىتى ئۇنىڭغا توپتوغرا ئىككى يىل ھەمراھ بولدى، ئۇ بۇنىڭدىن زېرىكىپ قالمىدى. خەن جياچېڭ ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوخشاش «ئۆزگىچە يول تۇتۇپ» ئىگىلىك تىكىلگەن ياخشلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى.
بەزىلەر مەخسۇس ئۆز تاراتقۇ ۋېيبو ئىگىسى بولدى، بەزىلەر يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «پىندوۋ» ساھەسىگە كىرىپ ئىگىلىك تىكلىدى، بەزىلەر يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار پۇرسىتىنى كۆرسىلا سىناپ باقماقچى بولدى... ياشلارنىڭ نەزەرىدە بۇ دەۋر پۇرسەتكە تولغان بىپايان دېڭىز ئىدى.
مۇقىم خىزمەت ئەمدىلىكتە ياخشى خىزمەتنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم بولماي قالدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تاللىشى بىر مەيدان چوڭقۇر بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېقىندا، مۇخبىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەسىپ تاللاش قارىشىدىكى يېڭى مەنزىرىنى بايقىدى.
پۇرسەت مۇقىم خىزمەتكە قارىغاندا كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ
2026 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان پەيتتە، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئۇچۇر باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ 2022 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى خەن جياچېڭنىڭ «لوبەن» بولغانلىقىغا ئىككى يىل بولغانىدى.
داشۆنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىلا، خەن جياچېڭ ئۆگەنگەن كەسپىنى چوقۇم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلگەنىدى. داشۆنىڭ 1 - يىللىقىدىكى يازلىق تەتىلدىن باشلاپ، مەكتەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ كۆپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتى. بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ئۇ كورلىدىكى نەشپۈتزارلىققا بېرىپ، بازاردا بېكىتىلگەن باھا پەرقىنىڭ بىرقەدەر چوڭ، دېھقان ئائىلىلىرى ئالىدىغان پايدىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلەپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئويى تۇغۇلدى.
شۆيۈەننىڭ قوللىشىدا، خەن جياچېڭ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ «ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئىجادكار» دۆلەت دەرىجىلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش - يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىغا ماكانلاشتى. ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ كورلا نەشپۈتىنى چۆرىدەپ ئىش قىلىپ، سوۋغاتلىق قاپ لايىھەلەپ، دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى بېكىتىپ، «نەشپۈتتىن ئايرىلمىسام دەيمەن»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تاشقى كۆرۈنۈشنى لايىھەلەش پاتېنتىغا ئېرىشىپ، تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى.
ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملاش، كەسىپ پىلانلاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش بىلەن بىللە، خەن جياچېڭ ئىگىلىك تىكلەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى. دوۋيىندىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تىجارەت قىلىش، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر بىلەن پائال ئۇدۇللىشىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ... ھازىر، ئۇ ئىككى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ۋە بىلىم تۈرىدىكى IP تىجارىتىدىن ئىبارەت قوش لىنىيەلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
«پۇرسەت ۋە مۇقىم خىزمەت ئالدىدا، مەن پۇرسەتنى تاللاشنى تېخىمۇ خالايمەن.» خەن جياچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ كەچۈرمىشلىرىم مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىمنى قايتا تىكلىدى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى مۇقىم خىزمەتكە قارىغاندا مېنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرگەندىلا ئىشەنچ يېتەرلىك بولىدۇ
«خىزمەت تاپالمىغانلار ئۆي ساتىدۇ، سۇغۇرتا ساتىدۇ...» بۇ ئېھتىمال كىشىلەرنىڭ سېتىش كەسپىگە بولغان قاتمال تەسىراتى بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندىكى سېتىش تۆۋەن بوسۇغىلىق «جىسمانىي ئەمگەك» ئەندىزىسى بىلەن بۇرۇنلا خوشلىشىپ، تېخىمۇ كەسپىيلەشتى، تېخىمۇ «ئەمەلىي قىممەت»كە ئىگە بولدى. دى شىيۈ دەل شۇلارنىڭ بىرى.
دى شىيۈ خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ سودا - سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ماركېتىڭ كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئۈچ يىل ئىلگىرى مەكتەپتە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا قاتناشقاندا، ئۇنىڭدا «ياخشى خىزمەت»كە قارىتا تېخى ئېنىق ئۇقۇم يوق ئىدى. ئائىلىسىدىكىلەر شىنجاڭدا پۇرسەت كۆپ دېگەچكە، ئۇ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بەردى.
خېنەن ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سېتىش باش شىركىتى شىنجاڭ سېتىش شۆبە شىركىتىنىڭ ئىش ئورنى ۋە مائاشى ئوخشاش تۈردىكىلەر ئىچىدە زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، «خىزمەت ئورنى شىنجاڭدا» بولغاچقا، ئوقۇش پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى كۆرۈپلا ئىككىلىنىپ قالدى. لېكىن دى شىيۈ سىناپ باقماقچى بولدى.
خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى كەلگەنلەر تۇنجى يىلى جەزمەن بىرىنچى سەپكە بېرىپ چېنىقىدىغان بولۇپ، دى شىيۈ مايتاغ - كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى كان رايونىغا تەقسىملەندى. ئۇلار چۆللۈكتە تۇرىدىغان، مۇھىت ناتونۇش، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان، ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قاترايدىغان، خېرىدار ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، پەرق ھەقىقىي ھەم كونكرېت ئىدى. «دەسلەپتە ناھايىتى گاڭگىراپ قالدىم، كۆنەلمىدىم، كۆڭلۈمدىمۇ تەۋرىنىش بولدى» دېدى دى شىيۈ، لېكىن ئۇ بۇ يەردىن كەتمىدى.
دى شىيۈ ئۆزىدە ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا نېمە دېيىشنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىدىن كەڭ - كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، بىرىنچى سەپتىكى كەسپىي خادىمغا ئايلاندى. ئۇ كۆمۈرچىلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ئاز - ئازدىن ئىگىلىدى، شىمالىي شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى، گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبى تۆۋەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەڭشەلگەن كوكس كۆمۈرىنىڭ پارلىنىشچان تەركىبلىرى يۇقىرى، يېپىشقاقلىق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئىدى. ئۇ 100دىن ئارتۇق كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، نەچچە ئون خېرىدارنى قولغا كەلتۈردى.
بۇلتۇر، ئۇ كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن يىللىق سېتىش نىشانىنى تاماملىدى. گۇرۇھنىڭ يىللىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدىن 100 نەپىرى تاللاندى، شىنجاڭ سېتىش شۆبە شىركىتىدىن پەقەت بىرلا ئادەم باھالانغان بولۇپ، دەل دى شىيۈ ئىدى.
«ھەقىقىي ماھارەت بولسىلا، ھەرقانداق كەسىپنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، سېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى مەن بىر ئۆمۈر قىلالايمەن.» دى شىيۈدىن بۇ خىزمەتكە بولغان قارىشىنى يەنە بىر قېتىم سورىغاندا، ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى.
دى شىيۈ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەينى يىلىدىكى «ئاۋۋال سىناپ بېقىش» ئويى بۇرۇنلا «دەل جايىدا تونۇپ يەتكەن» تاللاش بولۇپ قالدى.
ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا مۇقىم خىزمەتكە تەبىر بېرىلدى
2023 - يىلى، شىنجاڭ داشۆدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن لىن ۋېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى ئېنىق نىشان بار بولۇپ: بېيجىڭغا بېرىپ، ياتاق - تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان، نوپۇس ھەل قىلىپ بېرىدىغان بىر خىزمەت تاپماقچى بولدى.
ئۇ كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، كۆپ تەرەپتىن خىزمەت ئىزدەپ، ئاخىر ئوڭۇشلۇق ھالدا مەلۇم مەركەز كارخانىسىنىڭ تەشۋىقات ئىش ئورنىغا خىزمەتكە چۈشتى. باشقىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر «ياخشى خىزمەت» ئىدى.
لېكىن رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەرق تۇيغۇسى پەيدا بولدى، «ياتاق، نۆۋەتچى ئاپتوبۇس، ئىشخانا بىناسى»دىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا، بىر لىنىيەدە ئۇ مەنىسىز تەكرارلىنىش ئىچىدە ئۆزىنىڭ تاللىشىدىن تالاي قېتىم گۇمانلاندى.
2024 - يىلى، AI دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ تېخىمۇ زور زەربىنى ھېس قىلدى. پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئەڭ زىچ توپلاشقان جايدا، ياندىكى كوچا رايونىدىكىلەر ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلەرنى قىلسا، ئۆزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىشلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئۇلارغا بەك ھەۋەس قىلغاچقا، كۆڭلىدە تەۋرىنىشكە باشلىدى.
«مەن زىيارەت قىلىش، يېزىقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ جەرياندىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىمەن، لېكىن يەنە خىزمىتىم مۇقىم بولماي، ئۆزۈمنى باقالماي قېلىشتىن ئەنسىرىدىم.» لىن ۋېي مۇنداق دېدى: قايتا - قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ خىزمەتتە پەقەت ئەنئەنىۋى تونۇشتىكى مۇقىم خىزمەتكە بويسۇنغانلىقىمنى، لېكىن بۇنىڭ ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان خىزمەت ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇم.
«بۇ خىل سېلىشتۇرۇش كۆز ئالدىڭىزغا كەلگەندە، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزگە زادى نېمىنىڭ كېرەكلىكىنى بىلەلەيسىز» دېدى لىن ۋېي.
قايتا - قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، بىر يېڭى تاراتقۇ شىركىتىگە كىرىپ، AI ساھەسىدىكى شەخسلەر، ھېكايىلەرنى زىيارەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى. بۇ يەردە ئۇ ئۆز رىتىمىنى تاپتى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئون نەچچە ياشتىلا AIدىن پايدىلىنىپ پىروگرامما تۈزەلەيدىغان بالىلار ... ئۇ AI تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى، AI ئاددىي كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور مۇمكىنچىلىكىنى كۆردى.
كۆرگەنلىرى قانچە كۆپەيگەنسىرى، ئۇ AIنىڭ ئىختىساسلىقلارغا قايتا تەبىر بەرگەنلىكىگە، پەرقلىق ئالاھىدىلىكى بارلارنى كىشىلەرنىڭ ھامان كۆرىدىغانلىقىغا، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىقىغا بارغانسېرى ئىشەندى.
مۇقىم خىزمەتكە ئىنتىلىشتىن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىلىكىگە قۇچاق ئېچىشقىچە، شىنجاڭدىكى بۇ ياشلارنىڭ ھېكايىلىرىگە ئوخشاش بىر جاۋاب يوشۇرۇنغان: دەۋر تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ھەقىقىي «مۇقىم خىزمەت» دەل ئۆزىنى سىجىل ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈشتۇر.






