تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئارخىپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سۆھبەتلەشتى​

ئارخىپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ئەتىۋارلاپ ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارخىپ بايلىقى قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق ئارخىپلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېخنىكا تەتقىقاتى، ئېچىۋېتىش - پايدىلىنىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىسىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 19 - قېتىملىق خەلقئارا ئارخىپ كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارخىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئارخىپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئارخىپ بايلىقىنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ ئەتىۋارلاپ ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلارنى كۆزدىن كەچۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارخىپ بايلىقى قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق ئارخىپلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېخنىكا تەتقىقاتى، ئېچىۋېتىش - پايدىلىنىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىسىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئالاقىدار يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارخىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئارخىپ تارماقلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئارخىپ باشقۇرۇش، دۆلەت ئۈچۈن تارىخنى ساقلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تارىخنى ساقلاش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارخىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئارخىپ بايلىقىنى چوڭقۇر ئېچىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشىنى پۇختا تارىخىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە، مۇھىم قۇرۇلۇش، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم پائالىيەتلەرگە دائىر ئارخىپلارنى يىغىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورگان، ئورۇنلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىنى ئىجادىي ياخشى ئىشلەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئارخىپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارخىپ تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە قىلىش ۋە قانۇن بويىچە ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارخىپ خىزمىتى ئارقىلىق ئومۇمىيەتكە، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئارخىپخانا (ئىشخانا) قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئارخىپخانا، ئارخىپ ئامبىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئارخىپ خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئارخىپ كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تىرىشىپ تاۋلاپ، يېڭى دەۋر ئارخىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.