− شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيې شىياۋ، زوۋ دوۋېي
«سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» «زور مىقدارلىق ئىمپورت - ئېكسپورتنى ئەلا سۈپەتلىك ئىمپورت - ئېكسپورتقا تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، سودا چوڭ دۆلىتىدىن سودا كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
سودا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، سودا چوڭ دۆلىتى بولۇش ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنياۋى سودىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇردى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.
ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى ئۇلىنى پۇختىلاش
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى داليەن كېمىسازلىق سانائىتى چەكلىك شىركىتى شەنخەيگۇەن كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياسىغان 115 مىڭ تونناژلىق ماي پاراخوتى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز كېمىسازلىق كەسپىدە يېڭى زاكازلار ئۈزۈلمىدى، دۇنيا بويىچە %90تىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ماي پاراخوتى يېڭى پاراخوت زاكازىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 16 تىرىليون 230 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ %63.5ىنى ئىگىلىدى.
باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھازىر يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دۇنياۋى رىقابەت ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودا چوڭ دۆلىتىدىن سودا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ پۇختا ئالغا بېسىشتىكى مەزمۇت قەدەمگە گۇۋاھ بولدى.
2013 - يىلى، جۇڭگو بىراقلا مال سودىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، بۇ، تاشقى سودىدىكى تارىخىي ھالقىش ئىدى. ھالبۇكى، كۆلەمنىڭ چوڭ بولۇشى رىقابەت كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا تۆۋەن تەننەرخلىق ياسىمىچىلىقتىكى ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىك ئاجىزلاش، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق «چوڭ ئەمما كۈچلۈك بولماسلىق» زىددىيىتى گەۋدىلەنگەنىدى.
2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە «بىز جەزمەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلىشىمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «سودا چوڭ دۆلىتىدىن سودا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ مېڭىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئېقىمغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئاتلاندى.
سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېكىنمە يەككە ئايلىنىش ئەمەس. تاشقى سودا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ بىرى.
«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 تىرىليون يۈەنلىك ۋە 45 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.9 ئاشتى، مال سودىسىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى مۇستەھكەملەندى، تاشقى سودىنىڭ «يېڭىلىق مىقدارى» «يېشىللىق مىقدارى» ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، بازارلارنى تۇتاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، قائىدىلەرنى باغلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىدە ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.
سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.
چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىغىچە، تاشقىرغاق سودىسىدىن باجدىن خالىي رېمونت قىلىشقىچە، تاشقى سودىدىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى زور مىقداردىكى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىمپورتى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشتى؛ ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتنى بېيىتتى...
«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىمپورتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى %10 ئەتراپىدا بولدى، ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى %14تىن يۇقىرى بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى دۆلىتىمىز ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %57.4ىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىلىرى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا 180 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ، دۆلىتىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.
سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر.
«جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق» «جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرىنى دۇنيانىڭ چوڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك»... بەزى دۆلەتلەرنىڭ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشى، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام» قوپۇرۇۋېلىشى، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بولۇۋېلىشىغا قارىتا، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سودىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم ۋاسىتىگە ئايلاندۇردى.
2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى، ماڭغانسېرى كېڭىيىۋاتقان كۆپ خىللىشىش يولى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى... سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ «يول خەرىتىسى» ۋە «قۇرۇلۇش قىلىش جەدۋىلى» ئېنىق نامايان بولدى، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك نىشانغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سودا يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش
جېجياڭ يىۋۇدىكى 6 - ئەۋلاد بازار − دۇنياۋى رەقەملىك سودا مەركىزىگە كىرگەندە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ماشىنا ئىت، مېخانىك كەيمە سۆڭەك قاتارلىق پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كىشىلەر كۆرۈپ تۈگىتەلمەيتتى، AI يول باشلاش، «رەقەملىك ئايال لوبەن»، ئەمەلىي ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىش ئېكرانى قاتارلىق رەقەملىك ھالەتلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، سودىگەرلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ، سىنغا ئېلىپ، 10 مىڭ مېگالىق ئوپتىك تالا ئارقىلىق سودىسىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرگەنىدى.
يىۋۇدىكى 1 - ئەۋلاد تاشيول بويى بازىرىدىن 6 - ئەۋلاد رەقەملەشكەن بازارغىچە بولغان ھالقىما كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش دەل جۇڭگو سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنىڭ جانلىق تەسۋىرى.
2023 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.»
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ، «مال سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» «مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش» «رەقەملىك سودا، يېشىل سودىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش» «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش» قاتارلىق بىر قاتار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى.
ھازىر، ئائىلىدىن زاۋۇتقىچە، تۇرمۇشتىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە، جۇڭگونىڭ ماشىنا ئادەملىرى دۇنيادىكى خېرىدارلارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىردى.
1 - پەسىلدە، جۇڭگونىڭ ماشىنا ئادەملەرنى مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىش سۈرئىتى تېزلەشتى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل تۈرگە ئايرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلۈك ماشىنا ئادەملىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى جەمئىي 11 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتكەن، مەھسۇلاتلار 148 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلغان.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە ۋە يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ مەملىكەت سىرتىدا بازار تېپىشىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم ۋە ئىجادىي دورىلاردىن ئىبارەت «يېڭىچە يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغىچە، دۆلىتىمىز سودا ئەۋزەللىكىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى گەۋدىلەندى.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىلگىرىكى نوقۇل تاۋار ئېكسپورتىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخنىكا، رەقەملىك سىستېما ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىدىكى نىسبىتى تەدرىجىي ئېشىۋاتىدۇ.
دۇنياۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىنىڭ تېز تەڭشىلىشى، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى ھەمدە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدە سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر قايتا بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى بىلەن رەقەملىك سودىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى ھەم مال سودىسىنىڭ نوقۇل «مەھسۇلات چىقىرىش»تىن «مەھسۇلات + مۇلازىمەت + ھېس قىلىش»تىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال قىممەت چىقىرىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ ئارقىلىق سودىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى.
خەلقئارا بازارغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى پۈتۈن دۇنياغا زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسەتتى، جۇڭگونىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ خۇش ھىدى دۇنياغا تارالدى، جۇڭگو كىنوسى، قىسقا تىياتىرى، تور ئويۇنى مەملىكەت سىرتىدا ئالقىشلاندى، «جۇڭگودا ساياھەت قىلىش» «جۇڭگودىن سېتىۋېلىش» سىجىل جانلاندى...
ھازىر، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، رەقەملىك سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، سودا يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئۈزۈلمەي بارلىققا كەلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كۆلىمى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى. AI تۈرتكە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق خېرىدارلار مۇلازىمىتى، مەۋھۇم رىياسەتچى، چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش، سانائەت ئالاقە تورى ھەل قىلىش لايىھەسى قاتارلىقلار سودا پۈتۈن زەنجىرىگە چوڭقۇر كۈچ قوشتى.
كەسىپلەر كۈچەيسە، سودا كۈچىيىدۇ. پەقەت كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن سودىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو مۇلازىمىتى، جۇڭگو تېخنىكىسىنىڭ داڭلىق ماركا قىممىتىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىن يولغا چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توختىماي قاتنىدى، جۇڭگودىكى پورتلارنىڭ توشۇش مىقدارى مۇقىم ئاشتى، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز تېز ئۆستى...
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش» «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» «زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىنىپ، جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ «كۆلەم يۆنىلىشى»دىن «سۈپەت، ئۈنۈم يۆنىلىشى»گە ئۆزگىرىشىنى سىستېمىلىق يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن پۇختا كەسىپ ئاساسىنى مۇستەھكەملىمەكتە.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش
5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت نۆلدە، شېنجېنۋەن پورتى يۈك تەكشۈرۈش يولىدىكى توسما ئېغىزى توسۇقىنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 24 توننا يېڭى ئالمىسى لىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى شېنجېن تاموژنىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرى ھەم مېۋە - كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرىغا بۆلۈپ يەتكۈزۈلدى.
بۇ، دۆلىتىمىز 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە «يېڭى» پېتى كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىمپورت ماللار ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنىڭ پايدىسى تەدرىجىي يەتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ سودىسى ئوخشاش مەزگىلدە تۇنجى قېتىم 800 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىن 935 تۈرلۈك تاۋارغا قارىتا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتلىق بېكىتىلگەن ئىمپورت باج نىسبىتىنى يولغا قويۇشقىچە، يەنە ئافرىقىدىكى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىمپورتنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ۋە «دۇنيا بازىرى»لىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىدىكى پۇرسەتتىن ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمبەھرىلەندى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار ۋە سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى بايلىقنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق دۇنياۋى بايلىق ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك.»
4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو (ئىچكى موڭغۇل) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» سىرتقا ئېلان قىلىندى، جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ 23كە يەتتى.
«ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزى» بولۇشتىن «ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى» بولۇشقىچە، ئىچكى موڭغۇل ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى «تۈزۈم ئاچقۇچى» ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ مۇقىم ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىش سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتە، تاشقى سودا خىزمىتىدە «سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىش، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»(RCEP)نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (DEPA)، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»(CPTPP)گە قاتنىشىش پائال ئالغا سىلجىتىلدى؛ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى؛ خەينەن ئەركىن سودا پورتى ئارال بويىچە تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈردى؛ ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كاتتا مەرىكىلىرى يىلمۇيىل ئۆتكۈزۈلدى...
بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، ئىچكى جەھەتتە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تاشقى سودا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوزغىتىلدى؛ تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق خەلقئارا ھەمكارلىق داۋامىدا، دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلدى.
تارماق ئېقىنلارنى توسۇپ قويمىغاندىلا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ. جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش «دوستلار چەمبىرىكى» كۈنسېرى زورايدى: 2025 - يىلى، پۈتۈن دۇنيادا دۆلىتىمىز بىلەن سودا ئالاقىسى بار دۆلەت ۋە رايون 249غا يەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي سودىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ %51.9كە يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %15.7، %13.2، %15.3، %19.4 ئاشتى، كورېيە، ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى %34.3، %10 ئاشتى.
ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، داليەن، شيامېن قاتارلىق جايلار دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى؛ گۇيجوۋ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، باجدىن خالىي پىششىقلاش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويدى... ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولماقتا.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئېچىۋېتىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى قوزغىتىپ، مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا ئىقتىساد - سودا دېڭىزىدا دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ يىغىپ قۇۋۋەت توپلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)






