ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، «ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونسۇل كوچىسىنى پىيادىلەر كوچىسى قىلىپ تەڭشەيدىغانلىقى ھەم قاتناشقا چەك قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، كونسۇل كوچىسىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش- كونترول قىلىش تەدبىرى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ رايوننىڭ سودا ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش، ساياھەت قىلىش، يۈرۈش تەسىراتى ۋە شەھەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە قولايلىق ئۆزگىچە ئىستىراھەت كوچىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن، تىيانشان رايونى كونسۇل كوچىسىنى پىيادىلەر كوچىسىغا تەڭشەش، ھەم يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش- كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر «كونسۇلخانا خاتىرىلىرى» تېمى يېنىدىن ئۆتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، تىيانشان رايونى كونسۇل كوچىسى پۈتۈن لىنىيە (جەنۇبىي شىنخۇا يولى بىلەن كونسۇل كوچىسى كېسىشىش ئېغىزىدىن غالىبىيەت يولى بىلەن كونسۇل كوچىسى كېسىشىش ئېغىزىغىچە)، پۈتۈن رايون بويىچە پىيادىلەر كوچىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، كونسۇل كوچىسىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش-كونترول قىلىش تەدبىرى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە تەشۋىقات-تەربىيە مەزگىلى، كەڭ ئاممىنىڭ ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى، يول ئەھۋالىنى ئالدىن پىششىق ئىگىلەپ، بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يول يۈرۈپ، قاتناش قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى سورايمىز.
چەك قويۇلغان يول بۆلىكىدە پۈتۈن كۈن 24 سائەت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى (توكسىكلىت، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار)نىڭ كىرىشى، توختىتىلىشى، ئاپتوموبىللارنىڭ يولنى ئىگىلەپ يۈك قاچىلىشى ۋە چۈشۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئوت ئۆچۈرۈش-خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش، گۇڭئەن تارماقلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا كىرىپ يۈرسە بولىدۇ.
ئەسلىدە كونسۇل كوچىسىدا شەرق- غەرب يۆنىلىشىدە ماڭغان ئاپتوموبىللار ئىتتىپاق يولى، خابا كوچىسى، جۇجياڭ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان يولى قاتارلىق يوللارنى تاللاپ ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىشىنى سورايمىز.






