تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بۇ يىل 3 مىليون 400 مىڭ توننا ئەتراپىدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: 2026-يىللىق شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 3 مىليون 400 مىڭ توننا ئەتراپىدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، سېتىۋېلىش مىقدارى جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدىكەن. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار ئامبار سىغىمىغا ئاساسەن 4 مىليون 250 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىدە داۋاملىق بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسى قوللىنىلىش ئارقىلىق، كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدە بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشقا پائال يېتەكلىنىدىكەن، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى سېتىۋېلىشتىكى ئاساسىي يول بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىپ، بازارنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىكەن، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرى، سودا كارخانىلىرى، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك سېتىۋېلىش ئاساسىي گەۋدىلىرى پائال قاتنىشىپ ئاشلىق بازىرىنى ئورتاق جانلاندۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدە كۆپ خىل بولغان، سېتىۋېلىش-سېتىش جانلانغان، ئوبوروت راۋان بولغان ئاشلىق بازىرى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

    ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىش فوندىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئاق تىزىملىك» شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش-ئىناۋەتلىك قەرز ئېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق سورت، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق ئېھتىياجى ۋە تەمىنات ۋەزىيىتى، باھا يۈزلىنىشى، ئىستېمال ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇغداي سېتىۋېلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە بازار ئەھۋالى يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، بازارنى توغرا يۆنىلىشتە كۆزلىمە نىشان بويىچە يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

    «مۇلازىمەت ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئاشلىق سېتىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق زاپاس ساقلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دىڭ باۋدېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشىكنى بالدۇر ئېچىشى، جىڭنى كېيىن يىغىشى، سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشى، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى ۋاقتىدا سېتىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاشلىقنى ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، دەرىجە-باھانى تۆۋەنلىتىش، ئاشلىق ساتقان پۇلنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.