تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ دامىن خەۋەر قىلىدۇ) ياز كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، ئايرودۇرۇم تېز سۈرئەتلىك يولى، خۇڭگۇاڭشەن يولى قاتارلىق شەھەرنىڭ ئاساسلىق غول يوللىرى جىمجىتلا يېڭىلاندى، يول بويلىرىغا تۇتاش كەتكەن ھەر خىل پەسىللىك ئوت-چۆپ، گۈللەر تىكىلىپ، شەھەر يوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنەرلىك گۈزەللەشتى.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى خۇڭسەن سۇ ئۈزۈش سارىيى ئەتراپىدا، باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىلىرى ئوت-چۆپ، گۈل تىكمەكتە. مېڭ چاۋ فوتوسى
يېقىنقى مەزگىلدە، تېمپېراتۇرىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق غول يوللىرىدا ئوت-چۆپ، گۈل ئۆستۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، رەڭدار يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق كوچىلار بېزىلىپ، شەھەر كۆكەرتىشىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىر ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا نەق مەيداندا زىيارەتتە بولدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېڭىدىن تىكىلگەن ئوت-چۆپ، گۈللەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىلىرى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش مەشغۇلاتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى خۇڭسەن سۇ ئۈزۈش سارىيى ئەتراپىدا ئوت-چۆپ، گۈل تىكىۋاتقان بىر باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسى مۇنداق تونۇشتۇردى: ساي يولىدا ئوت- چۆپ، گۈل ئۆستۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا يېرىم ئاي بولدى، قالغان قۇرۇلۇش يېرىم ئاي ئىچىدە تاماملىنىشى مۇمكىن
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭشەن يولىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ بىر تەرىپىگە تىكىلگەن چۈجگۈن ئوتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونىدىكى كۆرگەزمە مەركىزى چوڭ يولى، خۇڭگۇاڭشەن يولى قاتارلىق شەھەر ئاساسلىق غول يوللىرىدا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى ۋە پىيادىلەر يولىنىڭ بىر تەرىپىگە تىكىلگەن گۈل-چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، رەڭدارگۈل-گىياھلار گىرەلىشىپ زىننەتلەنگەنىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى قەدىمىنى توختىتىپ داكا قىلدى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىغا تىكىلگەن شەلپەرگۈل. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول كۆكەرتىش-باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىنژېنېرى فەن يۈەنجېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر يىلى 5-، 6-ئايلاردا يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق شارائىتى مۇۋاپىق بولۇپ، بۇ، ئوت-چۆپ، گۈللەرنى مەركەزلىك تىكىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، تىككەندىن كېيىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. بۇ يىل گۈلياسىمەن، شەلپەرگۈل، چۆل يالپۇزى، ئەتلەس گۈل، تۆگىتاپان قاتارلىق ئون نەچچە خىل گۈل-گىياھ ئىنچىكە تاللىنىپ، ماسلاشتۇرۇلۇپ مەنزىرە بەرپا قىلىنىپ، رەڭ قاتلىمىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، تەبىئىي نەپىسلىك قوشۇلدى.
فەن يۈەنجېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى، ئايرودۇرۇم تېز سۈرئەتلىك يولى ھەم كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونىدىكى نۇقتىلىق يوللارغا 614 مىڭ تۈپ ئوت-چۆپ، گۈل تىكىش تاماملاندى، ئومۇمىي پىلانلانغان تىكىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون تۈپ بولۇپ، بارلىق تىكىش ۋەزىپىسىنى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملاش پىلانلاندى. بۇ قېتىم تاللاپ ئىشلىتىلگەن ئوت-چۆپ، گۈل سوغۇققا، ئىسسىققا چىداملىق، چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزاق، چېچەك رەڭگى چىرايلىق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا، كېيىنكى يېرىم ئايدا پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق غول يوللىرىدا تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى شەكىللىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل شەھەر قىياپىتى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنىدۇ.






