شامال ئوتلاقنى سىيپاپ ئۆتتى، يېڭى ياز ئاستا-ئاستا دالىلارغا قەدىمىنى قويدى. بىپايان چارۋىچىلىق مەيدانىدا يۇمران مايسا رەڭلەر قېنىقلىشىپ، ھەر خىل رەڭلىك ياۋا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، بىنەپشە، سېرىق، ئاق رەڭلەر گىرەلىشىپ، يۇمشاق ئوتلاقتا رەڭگارەڭ كىمخابلارنى توقۇپ چىقتى.
كالا-قويلار ئاستا سەيلە قىلىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يۇمران ئوت-چۆپلەرنى يەۋاتاتتى. مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ، قۇرت-قوڭغۇزلار غۇڭۇلداپ، بۇلۇتلار ئۇپۇقتا بەخىرامان ئۈزۈۋاتاتتى، يىراقتىكى تاغلار بىر قەۋەت ئىللىق يېشىل رەڭگە كىرگەنىدى. ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەرنىڭ سۇس ھىدى بىلەن گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى يۇغۇرۇلۇپ ئەتراپنى قاپلىغانىدى. ھەممە يەر تىپتىنچ، جانلىق ئىدى، بۇ دالىدا تۇرغاندا، كەيپىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ خاتىرجەملىككە تولۇپ، كىشى تاغ-دالىلارغا خاس بۇ ئىللىق گۈزەللىككە چوڭقۇر چۆكۈپ كېتەتتى.
ئالتاي شەھىرىدىكى مېڭكې چارۋىچىلىق مەيدانى. ئارداق بېيسقان فوتوسى
سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى جامبولات يايلىقى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
توققۇزتارا ناھىيەسى كۆندەلەڭ يايلىقىدىكى تىيانشان زاراڭزىسى. جاڭ چىڭخۇا فوتوسى
گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى بۇغدايلىق. خەن جۈن فوتوسى
يامغۇردىن كېيىنكى كۈنەس ناھىيەسى نارات يايلىقىدىكى بۇلۇت دېڭىزى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
چاغانتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرى. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
چاغانتوقاي ناھىيەسى ئاقچوققا يايلىقى. جاڭ يۈەنيۈەن فوتوسى
«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






