تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى توققۇز توقاي 18 ئەگىم مەنزىرە نۇقتىسىدا داكا قىلىپ، ساياھەت قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاي كىرىشى بىلەن، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىگە رەسمىي قەدەم قويدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، يايلاقنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى كىچىك بوغدا كۆلىدە سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى گۈلخان كېچىلىكىدە ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئات مىنىپ سەيلە قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى توققۇز توقاي 18 ئەگىم مەنزىرە نۇقتىسىدا ساياھەت قىلماقتا.






