تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئاقمارال باقىتنۇر خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جيۇداۋان يولى رۈيفېڭ ئاقىل كەسىپلەر باغچە رايونىدا، دىدى توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىللار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئالدىغا چاپلانغان «دىدى شوپۇرلىرى مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدۇ» دېگەن بەلگە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. دىدى كىراكەشلىكى شوپۇرلىرىنىڭ رەتلىك، جاراڭلىق ھالدا «بىز تەييارلىنىپ بولدۇق» دەپ توۋلىشىغا ئەگىشىپ، دىدى كىراكەشلىكى ئانار بۇلۇت تېرمىنالى بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان 2026-يىللىق «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش كاپالىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى.

شوپۇرلار كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ھالدا ئۆز ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۈ يىخەن فوتوسى
پائالىيەت نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، شوپۇرلار بىر تۇتاش جۈزى رەڭلىك مايكا كىيدى، بەزىلىرى ئېڭىشىپ ئارقا ئورۇنغا كىرىپ، ئورۇندۇقتىكى ئىسسىقتىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈردى؛ بەزىلىرى دېرىزە ئەينىكىنى ئەستايىدىل سۈرتتى؛ بىرنەچچە پارتىيە ئەزاسى شوپۇر بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى ئوڭشاپ تاقىدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا خادىملار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۈ يىخەن فوتوسى
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، دىدى كىراكەشلىكى پارتىيە ئەزالىرى شوپۇرلار باشلامچى بولغان، توردا كېلىشىدىغان كەڭ ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى بەس-بەستە قاتناشقان مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئېھتىياجى بار ئوقۇغۇچىلارنى «بىرگەبىر» ھەقسىز توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەربىر ئاپتوموبىل بىرتۇتاش «دىدى شوپۇرلىرى مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدۇ» دېگەن بەلگىنى چاپلىدى، ئاپتوموبىل ئىچىگە ئوقۇش قوراللىرى سومكىسى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دورىسى قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەپ، ئىمتىھان مەيدانىغا توشۇش جەريانىنىڭ بىخەتەر، ئىللىق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شوپۇر ئاپتوموبىلىغا ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى logoسىنى چاپلىماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۈ يىخەن فوتوسى

ئاپتوموبىللارغا بىرتۇتاش چاپلانغان «دىدى شوپۇرلىرى مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدۇ» دېگەن بەلگە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۈ يىخەن فوتوسى
ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دىدى كىراكەشلىكى مۇددەتتىن يېرىم ئاي بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان شوپۇرلارنى مەخسۇس بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلىدى ھەم شوپۇرلارغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش، بىخەتەر يول يۈرۈش؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، پەس ئاۋازدا ئەھۋال سوراپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تەسەللى بېرىش؛ ئاپتوموبىللارنىڭ رەتلىك، ئازادە بولۇشىنى ساقلاپ، پۈتۈن مۇساپىگە سەمىمىيلىك بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كېچىكمەي، كېچىكتۈرمەي، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن بىخەتەر، راۋان، تىنچ ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
«پارتىيە ئەزاسى شوپۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە قاتنىشالىغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن.» پارتىيە ئەزالىرى مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش شوپۇرلار ۋەكىلى، شىنجاڭ جۇڭشىندا ئاپتوموبىل مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى خۇاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئەڭ ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھان مەيدانىغا بىخەتەر، ۋاقتىدا يەتكۈزىمەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خاتىرجەم بولسا، بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز!»

ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە قاتناشقان شوپۇرلار بىرلىكتە قەسەم بەرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۈ يىخەن فوتوسى
شىنجاڭ جۇڭشىندا ئاپتوموبىل مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ساۋ يىفەن نەق مەيداندا مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز بەش ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە ئاتلاندۇق، يەنە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەييارلىدۇق. ئەگەر يەنە ئىمتىھانغا توشۇش توغرا كەلسە، بىز خالىغان ۋاقىتتا ئاپتوموبىل قوشساق بولىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالتۇن باڭغا ئىسمى يېزىلىشىنى، ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمەن!»
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتوموبىلغا ئېھتىياجلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئالاقىلەشكۈچى جيا ياۋفېيغا تېلېفون قىلىپ (تېلېفون نومۇرى: 13209951502) ئالدىن كېلىشىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتوموبىل ئەترىتى ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى نۇقتىدىغان نۇقتىغا، بىرگەبىر ھەقسىز ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن.
بۇ يىل ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش كاپالىتى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى. شىنجاڭدىكى تۇنجى تېرمىنال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت پۈتۈن جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى بۇ چوڭ ئىشنى چۆرىدەپ، ئۇدا نەچچە يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەم سىجىل تۈردە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يادرولۇق ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، توردا ۋە تور سىرتىدا، مۇلازىمەت + تارقىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






