تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

توكداننىڭ 3C دەلىللەش يېڭى بەلگىلىمىسى كەلدى! سىزگە «يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى»دىكى مەھسۇلاتلارنى بىر قاراپلا تونۇشنى ئۆگىتىپ قوياي

   توكدان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك سەپەرگە چىقىشىدىكى «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى، ئەمما قولايلىقلىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ، توكداننىڭ «سېكۇنتتا ئوت مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىشى»دىن ئېھتىيات قىلىڭ.

   ئۇزاق ۋاقىت زەرەتلەنگەن توكدانغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى

   5-ئاينىڭ 24-كۈنى، گۇاڭشىنىڭ ۋۇجوۋ شەھىرى تېڭشيەن ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا تۇيۇقسىز خەتەرلىك بىر كۆرۈنۈش يۈزبەردى، توكدانغا ئۇزاق ۋاقىت توك قاچىلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ، ئوت ئۇچقۇنى ھەر تەرەپكە چاچراپ، ئەتراپقا قويۇلغان ئاسان ئوت ئالىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەرگە تېز سۈرئەتتە تۇتىشىپ كەتتى.

   ئوت ئۇدا كۈچىيىپ، قىسقىغىنا بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمى چوڭ كۆلەملىك قويۇق ئىستا قارىداپ كەتتى، ياغاچ ئۆي جاھازلىرى، يۇمشاق بېزەكلىك رەختلەر كۆيۈپ كەتتى. بەختكە يارىشا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ۋاقتىدا بايقاپ، بىر تەرەپتىن ئوتنى ئۆچۈرگەچ، بىر تەرەپتىن 119 ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلدى، ئوت تىزگىنلىنىپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆرۈلمىدى.

   تۆمۈريول ۋوگزالىدا توكداندىن ئىس چىقىپ ئوت شارىغا ئايلاندى

   يېقىندا، فۇجيەننىڭ شيامېن شىمالىي ۋوگزالىدا، بىر يولۇچى پويىزغا چىقماقچى بولغاندا، سومكىسىدىكى توكدانغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، قويۇق ئاق ئىس چىقىپ، ئوت شىددەت بىلەن كۆيدى. تۆمۈريول گۇڭئەن پويىز ساقچىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ كېلىپ بىرتەرەپ قىلدى، ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېلىندى، يولۇچىلار ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر يارىلانمىدى.


   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توكداندىن ئىس چىقىش، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كۆيۈش، قايتۇرۇۋېلىنىش قاتارلىق ھادىسىلەر پات-پات يۈزبېرىپ، نۇرغۇن كىشى توكداننى بىخەتەر ئىشلىتىشتىن ئەندىشە قىلدى. لېكىن ئالدىرىماڭ، توكداننىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى، يېڭى نۇسخىدىكى CCC ئېتىراپنامىسىنى يولغا قويۇش قائىدىسى تورغا چىقىرىلدى، بۇ، توكداننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

   3C ئىتىراپنامىسىنى يولغا قويۇش قائىدىسى يېڭى تەڭشەشنى كۈتۈۋالدى

   يېڭىدىن تۈرلۈك بىخەتەرلىك سىنىقى كۆپەيتىلدى

   يېقىندا، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (دۆلەت ئېتىراپ قىلىش-دەلىللەش-نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى) «كۆچمە توك مەنبەسى قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلارغا ئىتىراپنامە بېرىش ئاساسى ئۆلچىمىنى كۆپەيتىش ھەم يېڭى نۇسخىدىكى يولغا قويۇش قائىدىسىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، CCC ئىتىراپنامە بېرىشنى يولغا قويۇش تەلىپىنى تەڭشىدى، مۇكەممەللەشتۈردى.

   «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇن نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

  بىرىنچى، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمى GB 47372-2026 «كۆچمە توك مەنبەسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى» CCC ئېتىراپنامىسىنىڭ ئاساسى قىلىنىپ، ئىسسىقلىقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش، يىڭنە سانجىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق بىخەتەرلىك تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى سىناش، باھالاش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

   ئىككىنچى، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىدىكى CCC ئېتىراپنامىسىنى يولغا قويۇش قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى، بىخەتەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھۈنەر-سەنئىتى تەرتىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلاتنىڭ بىردەكلىكىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا قارىتا تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېتىراپنامىدىن كېيىنكى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېتىراپنامە بېرىش پائالىيىتىدە ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى، پۇختىلىدى.

سۈرەت مەنبەسى: 视觉中国

   ئۈچىنچى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش ۋاقتىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، 2027-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇننىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىل ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىتىراپنامە بېرىش ئاپپاراتلىرى كارخانىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، يېڭى نۇسخا ياكى كونا نۇسخىدىكى قائىدىگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ؛ 2027-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جەزمەن يېڭى نۇسخىدىكى قائىدە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن كۆچمە توك مەنبەسى ھەم ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ۋە باتارېيە گۇرۇپپىسىغا قارىتا، 2027-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇرۇن گۇۋاھنامىنى ئالماشتۇرۇش تاماملىنىشى كېرەك.

   قانداق قىلغاندا «يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى»دىكى مەھسۇلاتلارنى بىر قاراپلا تونۇغىلى بولىدۇ؟

   ئۆتكۈنچى مەزگىلدە بازاردا كونا، يېڭى ئۆلچەملىك مەھسۇلاتلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىستېمالچىلار تاللاپ سېتىۋالغاندا «ئۈچكە قاراش» ئۇسۇلى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرسە بولىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋىيشىن گېزىتى

   1. ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىگە قاراڭ

   ئورالما ياكى مەھسۇلاتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى نام كارتىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، يېڭى ئۆلچەملىك كۆچمە توك مەنبەسىنىڭ «ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى»گە GB 47372-2026 دەپ بەلگە قويۇلغان بولىدۇ.

   2. بىردىنبىر كود نومۇرىغا قاراڭ

   مەھسۇلاتنىڭ بىردىنبىر كود نومۇرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشتە، يېڭى ئۆلچەمدە كۆچمە توك مەنبەسىدىن مەخسۇس «كىملىك نومۇرى»نى بەلگە قىلىش تەلەپ قىلىنغان، بۇ «كىملىك نومۇرى» بولمىسا يېڭى ئۆلچەمدىكى كۆچمە توك مەنبەسى ئەمەس بولىدۇ.

   3. بىخەتەر ئىشلىتىش مۇددىتىگە قاراڭ

   يېڭى ئۆلچەمدە كۆچمە توك مەنبەسى مەھسۇلاتلىرىغا «بىخەتەر ئىشلىتىش مۇددىتى تەكلىپى»نى يېزىش، ئىستېمالچىلارغا كونا مەھسۇلاتلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

   كۈندىلىك ئىشلىتىشتە «بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقى»غا دىققەت قىلىش كېرەك

   ئېغىر بېسىم ياكى كۈچلۈك تەۋرىنىشتىن ساقلىنىپ، قىسقا تۇتىشىش ياكى پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   ئىشلەتمىگەندە، توكداننى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ، كۈچلۈك ئاپتاپ ياكى نەم مۇھىتتا ساقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   توك قاچىلىغاندا ئامال بار ئەسلىدىكى چاتقۇچنى ئىشلىتىش ياكى توكدان پارامېتىرى بىلەن بىردەك بولغان توك قاچىلاش چاتقۇچىنى سېتىۋېلىش كېرەك.

   توك قاچىلاش ۋاقتىنى كونترول قىلىش، توكدانغا ئۇزاق ۋاقىت توك قاچىلىماسلىق كېرەك.

   توكدانغا ئوت كەتسە، دائىم ئۇچرايدىغان كۆپۈك، قۇرۇق پاراشوك قاتارلىق ئوت ئۆچۈرگۈچلەرنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىدۇ، ئاسانلا قايتا كۆيۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۇ ياكى سۇ ئاساسىدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ ئارقىلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.

دۆلەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رادىيوسى ئەسكەرتمىسى:

ئىستېمالچىلار توكدان سېتىۋالغاندا

چوقۇم 3Cنى توغرا تونۇشى كېرەك

كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا

ئەگەر توكداندا زىيادە قىزىپ كېتىش، شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق نورمالسىزلىقلار بايقالسا

ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىپ

تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.