تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، تۇرپاننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى

  جۇڭگو ھاۋارايى تورى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئۆستۈرگەن: مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدىن 4-كۈنى كۈندۈزگىچە قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇتقا قەدەر، شىنجاڭدا جەمئىي 27 يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، قاراماي شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى يۇقىرى تېمپېراتۇردىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئۆستۈردى. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قار ئېرىش سەۋەبلىك كەلكۈن كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ بىرنەچچە كۈندە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئوت ئاپىتى خەۋپى ھاۋارايى دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شارائىتىدا

  ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈش كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن

  كۆپچىلىك چوقۇم ئالدىن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

  سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ

  يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك، شامال ئۆتۈشمەيدىغان مۇھىتتا ئۇزاق تۇرماسلىق

  يېتەرلىك دەم ئېلىشقا، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاكتىكىسىنى

  تاپشۇرۇۋالغايسىز↓

قىسمەن ماتېرىيال مەنبەسى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.