تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كارخانىلار ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

   ھازىر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت ئىزدىشىنىڭ ئاۋات مەزگىلى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئادەم سانىنى كۆپەيتىشنى قوللىدى. كونكرېت قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار، بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

   ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى جەھەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ۋە 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ياشلارنى پىراكتىكىغا قوبۇل قىلغان ئورۇنلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ياردەم پۇلى پىراكتىكانتلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر پىراكتىكا مۇددىتى توشماي تۇرۇپ پىراكتىكا قىلغۇچىلار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا، ھەرقايسى جايلار يەنە ئېشىپ قالغان پىراكتىكا مەزگىلىگە ياردەم پۇل بەرسە بولىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

   ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى ۋە مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئۇلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان بولسا، ئەمەلىي تاپشۇرغان ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ياردەم پۇلى مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

   ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا، بەلگىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ

  كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر يىل ئىچىدە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار ئەسلىدە بار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %10ىگە يەتسە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 100دىن ئاشقان كارخانىلارنىڭ %5كە يەتسە ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون يۈەن، مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئاشمايدىغان قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مالىيە تارماقلىرى قەرز پۇلنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %50ى بويىچە ئۆسۈم ياردىمى بېرىدۇ.

   ئىشسىز قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلسا، باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

   باج جەھەتتە، كارخانىلار ئىشسىزلىقنى تىزىملىغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانى بويىچە باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، نورما ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى 6000 يۈەن بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30 ئۆستۈرۈلىدۇ، ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2027-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.