5-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى جايىر تېغىدا، سېسىقكۈزەن ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ «ئايلىنىپ كەلمەكچى» بولدى. كىم بىلسۇن، ئەمدىلا ئۇۋىسىدىن چىقىشىغا، بىر بالىسى سەپتىن چۈشۈپ قالدى، قالغان بالىلىرى بولسا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كەتتى، سېسىقكۈزەن ئانا ئەنسىرەپ ئالدىراپ-تېنەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ سەپتىن چۈشۈپ قالغان بالىسىنى ئىزدىدى. سېسىقكۈزەن بالىلىرى قوغلىشىپ ناھايىتى خۇشال ئوينىدى. ئويناپ قانغاندىن كېيىن ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندە، سېسىقكۈزەن ئانا يەنە ئېھتىيات قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






