تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

كۆپ تارماق ھەمكارلىشىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدۇ

   2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھانغا تەشكىللەش، تەشۋىق قىلىش-يېتەكلەش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ-ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

   2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يان تېلېفوندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھانغا ئالاقىدار تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈسكۈنە-ئەسۋابلىرىنى سېتىشقا زەربە بېرىش، باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش، كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش، ئىمتىھانغا ئالاقىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىچىلارنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق كۆپ خىل مەخسۇس ھەرىكەتنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىش جىنايىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى، ساختا تەشۋىقات، توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش، سەپەرگە چىقىش، ياتاق-تاماق، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، شاۋقۇننى تىزگىنلەش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ، مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

   ئىمتىھاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىلدە يۈرۈشلۈك ئارزۇ تولدۇرۇش مەسلىھەتى بېرىش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى ناھىيەلەردە «ئارزۇ تولدۇرۇش بويىچە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى يار-يۆلەك بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، ئەتراپلىق يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى گاۋ چېنيۈەن)

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.