تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىرغىزىستانلىق ئوقۇغۇچى غۇلجا شەھىرىنى ياقتۇرۇپ قالدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچقۇرۇن، قىرغىزىستانلىق ئوقۇغۇچى نايىل بىر ياتاقتىكى قازاقىستانلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە مەكتەپتىن چىقىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى بىر نيۇروۋميەنخانىغا كىردى.

«بۈگۈن 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم، غۇلجىدىكى ئوقۇش ھاياتىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى!» نايىل چاي ئىستاكانىنى كۆتۈردى، چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

2024 - يىلى 10 - ئايدا، نايىل قىرغىزىستان بىشكەكتىن ئىلى سىفەن داشۆسى جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئىككى يىلغا يېقىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىشلىتىپ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.

نايىلنىڭ بوۋىسى ياش ۋاقتىدا جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قاتناپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنى قىرغىزىستانغا ئاپىرىپ ساتقان بولۇپ، جۇڭگودا ياسالغان ھەم ياخشى، ھەم ئەرزان مەھسۇلاتلار شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ دادىسى بوكس تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭگو خەينەندە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە چۈشكەن سۈرەت بىلەن مېدال ھازىرغىچە يەنىلا ئۆيىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزىقلىق ئىدى.

«كىچىكىمدىن بوۋام ۋە دادامنىڭ جۇڭگودىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاچقا، كۆڭلۈمدە ئىزچىل بۇ جايغا تەلپۈنۈپ كەلدىم، شۇڭا قىلچە ئىككىلەنمەي غۇلجىغا كېلىپ ئوقۇشنى تاللىدىم» دېدى نايىل.

غۇلجىغا يېڭى كەلگەندە، بۇ شەھەر ئۆزگىچە جەلپكارلىقى بىلەن نايىلنى جەلپ قىلىۋالدى. تۆت پەسىل ئېنىق پەرقلىنىدىغان كىلىمات كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلايتتى، قويۇق، مەززىلىك ھىدى تارقىلىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى قانچە يېسىمۇ ئادەم زېرىكمەيتتى، مەنزىرىسى گۈزەل تاغ - دەريالار كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل شىنجاڭ خەلقى ئۇنىڭغا چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. مەكتەپ ھويلىسىدىن كوچىلارغىچە، ئاشخانىدىن مەنزىرە رايونلىرىغىچە، ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتتىن نايىل بۇ جاينى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ قالدى.

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىلى سىفەن داشۆسى، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار «رەڭدار غۇلجا . ياشلىق نەزەرى» چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدىكى غۇلجا باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. نايىل ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونى، ئالتە شۇئار كوچىسى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى . ئالېكساندىر ئاككوردىيون يىغىپ ساقلاش سارىيىغا كىرىپ، غۇلجىنىڭ ئادىمىيەت ئاساسى ۋە شەھەر ھاياتىي كۈچىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.

ئىلى دەرياسى بويىدا تۇرغاندا، كەچكى شەپەق دەريا يۈزىنى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزدى، قۇشلار سۇ يۈزىدە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەتتى، دەريا بويىدا ساياھەتچىلەر بەخىرامان سەيلە قىلىۋاتاتتى. نايىل ۋە ساۋاقداشلىرى يان تېلېفونى بىلەن، كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى توختىماي خاتىرىلىدى. «مەن نۇرغۇن دەريالارنى كۆرگەن، ئەمما ئىلى دەرياسىنىڭ كۈن پاتقاندىكى مەنزىرىسى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن، يېقىملىق ھەم ھەيران قالارلىق بولۇپ، كۆڭۈلگە ئىنتايىن ئارامبەخش تۇيغۇ بېرىدىكەن» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە تۇرالغۇلار، لەرزان ئاككوردىيون مېلودىيەسى، قاينام - تاشقىن كەيپىياتقا تولغان كوچىلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قەدىمىنى توختىتىپ زەن سېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. ئالېكساندىر ئاككوردىيون يىغىپ ساقلاش سارىيىدا ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى نەچچە يۈز ئاككوردىيون كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى، ئىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، كۆپچىلىك شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ناخشىغا جور بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

«غۇلجىدا ھەم تىنچ، ھۇزۇرلۇق شەھەر تۇرمۇشى، ھەم ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان شەھەر كەيپىياتى بار، مېنىڭ يۇرتۇمغا بەك ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنە ئوخشاش بولمىغان رەڭدارلىق بار.» نايىل: غۇلجىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىم بىلەن سامسا، پولۇ يېدۇق، قېتىق ئىچتۇق، ھەربىر خىل تەم، ھەربىر مەنزىرە قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالدى، دېدى. نايىل يەنە ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى سىنغا ئېلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، مەنزىرىسى ۋە دوستانە، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى تونۇشتۇردى.

ئىلى سىفەن داشۆسى جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى جاڭ ياچۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شۆيۈەنىمىزدە قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان تۆت دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە ئالماشتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىدىن جەمئىي 72سى بار. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، كۆپچىلىك بىللە بازار ئايلىنىدۇ، مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىدۇ، خەلق ئۆرپ - ئادىتى پائالىيەتلىرىنى ھېس قىلىدۇ، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ھەمبەھرىلەپ، مەملىكەت سىرتىدىكىلەرگە ھەقىقىي، جانلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

نايىل مۇنداق دېدى: مەن داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، غۇلجىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم، ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەمبەھرىلەيمەن.

«بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى سەۋرچان، ساۋاقداشلار ناھايىتى دوستانە، مەيلى قانداقلا قىيىنچىلىققا يولۇقساق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ، مەن ۋە باشقا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ جاينى ياقتۇرۇپ قالدۇق» دېدى نايىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.