تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 23 - تۈركۈمدە ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسىدىن 52نى بېجىرىشكە تاپشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايون مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى 23 - تۈركۈمدە بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسىدىن 52 پارچىنى تاپشۇرۇۋالدى (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو يەتتە پارچە)، بۇنىڭ ئىچىدە، تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 41 پارچە، خەت ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 11 پارچە. 52 دېلو ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى 25(نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو ئۈچ پارچە)، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى ئالتە(نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو بىر پارچە)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى تۆت (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو ئىككى پارچە)، ئالتاي ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ، قاراماي شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ(نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو بىر پارچە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ، قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇناسىۋەتلىكى ئۈچ، قومۇل شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى بىر، تۇرپان شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىكى بىر.

بۇ تۈركۈمدە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرى ئىچىدە، مۇھىت بۇلغىنىش تىپىغا ئاساسەن ئايرىغاندا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى 14 پارچە، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى 12 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەتتە پارچە، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئالتە پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى تۆت پارچە، باشقا بۇلغىنىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى توققۇز پارچە.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا جەمئىي بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلوسى جەمئىي 23 تۈركۈم قېتىمدا 1173 پارچە (نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دېلو 86 پارچە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 986 پارچە، خەت ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىنغىنى 187 پارچە. يۇقىرىقى ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرى شۇ جايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى

كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش ۋاقتى: 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە

مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A454 نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى

مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6072656 - 0991

پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 22:00گىچە

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.