تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بالىلار بېغىشلىغان «گۈزەل تۇيغۇ»لارنى قەدىرلەيلى

«1 - ئىيۇن»، بالىلارغا تەئەللۇق بۇ بايرامدا بەخت تىلەش، سوۋغات بېرىش، ياخشى غىزالاندۇرۇش، ياخشى ئويۇنلارنى ئوينىتىش − چوڭلار ھەمىشە بالىلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى ئويلايدۇ، بالىلار خۇشاللىققا چۆمگەن پەيتتە بىز «مۇھەببەتنىڭ بېغىشلاش ئىكەنلىكى»نى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىمىز.

«1 - ئىيۇن» تېمىسىدىكى كۆپلىگەن كوچا زىيارىتى سىنلىرىدا، بالىلار ساپ، سەبىي كۆزلىرى بىلەن پايانسىز دۇنياغا باقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوماق، ساددا سۆزلىرى يۇمۇرلۇق ھەم شادلىققا تولغان، شۇنداقلا ئىللىقلىقى بىلەن كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. «1 - ئىيۇن»دا بالىلار باش پېرسوناژ، شۇڭا بىز ئۇلارنى پاسسىپ قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قارىساق بولمايدۇ، بولۇپمۇ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بالىلار «گۈزەل تۇيغۇ»لارنى بېغىشلىغان ئاشۇ قىممەتلىك دەقىقىلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك، بۇ، مۇھەببەتنىڭ ئىللىق ئېقىنى، بۇ، كەلگۈسى ۋە ئۈمىدكە بېرىلگەن سەمىمىي جاۋاب.

ھەر قېتىم بالىلار پۈتۈن تورنى تەسىرلەندۈرگەن دەقىقىنى كۆرسەك، ياكى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ داۋاملىق تىرىشىۋاتقان، ياكى خەۋپ - خەتەر ئالدىدا تەمتىرىمەي باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىۋاتقان، ياكى ھېسسىياتىنى بېزىمەي ئىپادىلەشنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى قايتا - قايتا ئويغىتىدۇ ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەتكە ھەققانىيلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، باتۇرلۇق، دوستلۇقنىڭ ئىنسانلار مەڭگۈ تەرىپلەيدىغان ۋە ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئەخلەق - پەزىلەت ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تونۇتىدۇ.

ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى ساپ دىل بولىدۇ. ئۇنتۇلمايدىغىنى شۇكى، خوتەنلىك قىزچاق تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرغاندا، كۆز چاناقلىرىدىكى مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرى نۇرغۇنلىغان تورداشنىڭ قەلبىنى دولقۇنلىتىپ ئورتاق سادا ھاسىل قىلدى؛ تورداشلارنىڭ سوئالىغا شىنجاڭلىق كىچىك دوستلار پەخىرلەنگەن ھالدا «بىز جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاۋاب بەردى... پايدا - مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ھېچقانداق غەرەز يوشۇرۇنمىغان بۇ سەمىمىي ھېس - تۇيغۇلار بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەڭ گۈزەل غۇنچىلاردىن تارالغان خۇش پۇراق، شۇنداقلا بالىلار بىزگە بېغىشلىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا.

يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈپ، كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ھامان ئەۋلادلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز. بىزنىڭ بۈگۈنكى مەدھىيەلىشىمىز ھەم قەدىرلىشىمىز جەزمەن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.