− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«سىلەرنىڭ ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىكى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان سۆزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك زور ئىلھام ئېلىپ، چەكسىز روھلىنىپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: غايىنى چىڭىتىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز.
«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە يۆنىلىشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۆسمۈرلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەلقەم ياسىن مۇنداق دېدى: «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۆتكۈزۈپ، قىزىل ھېكايىلەرنى بالىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشىگە ياردەم بېرىمىز.»
«قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، ئائىلە بالىلارنىڭ بىرىنچى دەرسخانىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئائىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، قىزىل ئائىلە ئىستىلى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش، ئاتا - ئانىلار، بالىلار قىزىل تەربىيە پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاتا - ئانىلارنى تۇنجى ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشى ئۈچۈن، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلەيمىز.
«جاۋاب خەتكە باش شۇجىنىڭ ئۆسمۈر - بالىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى چاۋ مۇنداق بىلدۈردى: جاۋاب خەتنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مېيىپ ئۆسمۈر - بالىلارغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلەش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىل باش تېمىلىق كۆيۈنۈش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مېيىپ ئۆسمۈر - بالىلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەيمىز.
باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ قىزى دۇرخان لاچىننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. «باش شۇجى بىزنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.» دۇرخان مۇنداق دېدى: دادامنىڭ چېگرانى قوغداش ھېكايىسى ئەڭ جانلىق قىزىل گېن، «مەن چوقۇم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولىمەن.»
چىرا ناھىيەسى چىرا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمەخان پەرھات بۇلتۇر بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەندە تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغانىدى. «باش شۇجى بىزنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلدى، بۇ سۆزنى قەلبىمدە چىڭ ساقلايمەن. مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم بىرلىكتە بىلىم ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىمىزنى تاۋلاپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇرۇقىنى قەلبىمىزگە تېرىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولىمىز» دېدى ئۇ.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىلىق شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، قەلبى چەكسىز ئىللىقلىققا تولدى. چېگرا بويىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھى تەربىيەسىنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈردى. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يەن زېفېڭ مۇنداق دېدى: «خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز <پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولۇش> دېگەن بۇ سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز. بىز چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش غايە - ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغدايدىغان، تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيمىز.»
«باش شۇجى بالىلارنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىنى تاۋلىشىنى ئۈمىد قىلدى، بۇ، دەل بىزنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇش - تەربىيەلەشتىكى كۈچەش نۇقتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چې فېي مۇنداق دېدى: «بىز قىزىل مەدەنىيەت تەربىيەسىگە داۋاملىق چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك لېكسىيە بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، قىزىل ھېكايىلەردىن بەھرىلىنىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيمىز.»
(مۇخبىر سى لۇلۇ، قاتناشقان مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، لى جيانى، شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر گۆھەرنىسا ئىمىن)






