شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتىنى باھالاش، تەقدىرلەش نەتىجىسى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بى يىنلى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىخەنزە داشۆنىڭ پىروفېسسورى چېن شۆگېڭ 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى.
ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، تىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىگە يۈزلەنگەن، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلەنگەن، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلەنگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم شەخس ۋە كوللېكتىپنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى. مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى 2017 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان، باھالاش، مۇكاپاتلاش دەۋرىيلىكى ئۈچ يىل.
شىنجاڭدىن بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگەن ئىككى نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئوخشاشلا ئۆز ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بى يىنلى 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ غەربىي قىسىمدىكى كان رايونىدا يىلتىز تارتتى، ئۇ غەربىي قىسىمدىكى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق كۆمۈر كان رايونىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى سىستېمىلىق ئېچىپ بېرىپ، مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك مۇھىتتىكى كان رايونى مىكرو ئورگانىزملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنتايىن قۇرغاق مۇھىتتا يۇقىرى سىجىللىقتا كۆمۈر ئېچىش بىلەن ئاجىز ئېكولوگىيە گىرەلىشىپ كەتكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۆپ خىل يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىيولوگىيەلىك باكتېرىيە دورىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى كۆمۈر ئېنېرگىيە بازىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 12نى قۇرۇپ، جەمئىي كېڭەيتىلگەن كۆلەمنى نەچچە يۈز مىڭ موغا يەتكۈزدى، زىيانغا ئۇچرىغان كان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قايتا قۇرۇشتىكى ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، كۆپەيتكىلى بولىدىغان تېخنىكا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تۈردە دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە ئۆلكە (ساھە) دەرىجىلىك ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، توققۇز تۈردە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئىلگىرى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئىلغار شەخس قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.
چېن شۆگېڭ دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى لايىھەلەش، ياساش مۇتەخەسسىسى، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ 14 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سولياۋ يوپۇق يېپىپ كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئىجاد قىلىپ ياسىغان كېۋەزنى سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش ماشىنىسى دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كېۋەزنى دۆلىتىمىز بويىچە پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ئۇ باشتىن - ئاخىر «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئېتىزدىن كېلىش، ئېتىزغا بېرىش كېرەك» دېگەن پەن تەتقىقات ئېتىقادىدا چىڭ تۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئېتىزلاردىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇقنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش بىرلەشمە مەشغۇلات ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ يەنىلا بەش تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېمىسى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، بۇ، كېۋەزلىك ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ئالدىنقى سەپتىكى يۆنىلىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.






