تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن خېبېيلىق ئەر - خوتۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى يەنىلا قايناق ھېسسىياتقا تولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھويلىسىدا، قىزىل ئانار تىياتىر ئۆمىكىنىڭ تەكشى، ياڭراق دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. ئىللىقلىققا تولغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ مەكتەپ مەنزىرىسىنى خېبېيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى سۇن كەي، دۇڭ كۇنيۆ ئەر - خوتۇننىڭ ئالتە يىل ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«شىنجاڭلىق بالىلارغا ئوقۇتقۇچى كەمچىل.» بۇ، ئىلگىرىكى نۆۋەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن خىزمەتداشلىرى دائىم دەيدىغان سۆز، شۇنداقلا سۇن كەي ئەر - خوتۇننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كېلىشتىكى سەۋەب ئىدى.

2019 - يىلى 12 - ئايدا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يەتتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ يىراقتىكى بۈگۈرگە كېلىپ، ئايرىم - ئايرىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل - ئەدەبىيات، تارىخ دەرسىنى ئۆتۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

بۇ جايدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، ئوقۇتۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى. سۇن كەي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇردى، «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»نى چۈشەندۈرگەندە، ئۇ پارتىلاردىن كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۈرەش قىلىش روھىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى؛ جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىشىنى سۆزلىگەندە، ئۇ سۈرەت ۋە تارىخىي ماتېرىياللارغا بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمكىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى جانلىق بايان قىلدى... سۇن كەينىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ئاشتى، نەتىجىسى مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

سۇن كەي يەنە مەكتەپتە باشلامچىلىق بىلەن قىزىل ئانار تىياتىر ئۆمىكىنى قۇرۇپ، 20 مىڭ خەتلىك ئەسلىي ئىجادىي دىراما «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»نى يازدى. تىياتىر ئۆمىكى ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ئويۇن قويۇش ئاساسى يوق بولۇپ، رېپېتىتسىيە قىلغاندا روھىي ھالىتى چېچىلاڭغۇ ئىدى، ئەزەلدىن مۇلايىم مىجەزلىك سۈن كەي تۇنجى قېتىم جىلە بولۇپ قالدى، ئۇ: «مەن سىلەرنى يېتەكلىگەن ئىكەنمەن، چوقۇم سىلەرنى باشلاپ بۈگۈردىن چىقىپ، تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىرىمەن» دېدى.

«ئاشۇ بىر مەزگىلدە سۈن مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەر كۈنى بىزنى يېتەكلەپ رېپېتىتسىيە قىلدۇرۇپ، روھىي ھالىتىمىزنى قايتا - قايتا تەڭشىدى، ئۈچ ئايدا ئاندىن تىياتىرنى پىششىقلاپ بولدۇق» دېدى ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچى ئەخمەت ئەلى. ئاخىر، بۇ دىراما 2021 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دىراما كۆرىكىنى باھالاش»تا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

سۈن كەينىڭ تۈرتكىسىدە، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن مەكتەپ ئارقا - ئارقىدىن تىياتىر كۇرۇژۇكى ئاچتى.

دۇڭ كۇنيۆ ئوخشاشلا پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇتۇشنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا قاراتتى. بۈگۈرگە دەسلەپ كەلگەندە، ئۇ ئىككى ئايدا ئوندىن ئارتۇق مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 20 مىڭ خەتتىن ئارتۇق دەرس ئاڭلاش تەسىراتى يېزىپ، شۇ جايغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش دەرس تەييارلاش ئۆلچىمىنى خۇلاسىلەپ چىقتى، بۇ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسلىكى ئوقۇتۇشىدا پايدىلىنىدىغان ئۈلگە بولۇپ قالدى.

2022 - يىلىنىڭ ئاخىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشاي دەپ قالغاندا، ئوقۇغۇچىلار يىغلامسىراپ تۇرۇپ: «مۇئەللىم كەتمىسىڭىز بولامدۇ» دەپ قايتا - قايتا سورىدى. بالىلارنىڭ سەمىمىي ئۆتۈنۈشىگە قاراپ سۈن كەي ئەر - خوتۇننىڭمۇ ئۇلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى.

«مەكتەپ تىياتىر كۇرۇژۇكى تېخى يېزا - بازارلاردىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىپ بولمىدى، يەنە نۇرغۇن بالا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دەرسلىكلەر بىلەن ئۇچراشقىنى يوق.» مۇشۇنداق ئەپسۇسلىنىش ۋە قىيالماسلىق ئىلكىدە، 2023 - يىلى 2 - ئايدا سۈن كەي ئەر - خوتۇن 2 - قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.

«مائارىپقا قىسقا مۇددەت ياردەم بېرىش پەقەت ۋاقىتلىق ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ، شۇ جاي ئۈچۈن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىمىز كېرەك.» سۈن كەي مۇنداق دېدى: بۇ يەنە ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ 2 - قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نىشانىمىز، مۇھىم نۇقتىنى نوقۇل دەرس ئۆتۈشتىن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئارقىلىق يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بېرىش - يېتەكلەشكە قارىتىمىز.

سۈن كەي «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تىل - ئەدەبىيات داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشخانىسى»غا تايىنىپ، لېكسىيە، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىي 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدى. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى گۈلنۇر ئەخەت چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سۈن مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسى بىزگە يېڭى ئوقۇتۇش پىكىر يولى ئېچىپ بەردى، ھازىر بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئۆستى.»

دۇڭ كۇنيۆ ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نۇقتىلىق كۈچ قوشتى. شۇ جايدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ھالقىپ دەرس ئۆتۈش، تەجرىبىسى كەمچىل بولۇشتەك ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا، ئۇ ئۇلارغا قانداق دەرس تەييارلاش، دەرسلىك ماتېرىيالىنى قانداق تولۇق ئىگىلەشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. دۇڭ كۇنيۆنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇغراپىيە دەرسى بېرىشتىن تارىخ دەرسى بېرىشكە ئۆتكەن دىلنۇر ئابلەتنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى مۇقىم ئۆسۈپ، مەكتەپتىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى.

2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۈگۈر ناھىيەسىكى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، چۈشەندۈرگۈچىلەر كۆپ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، چۈشەندۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى بايقالدى. دۇڭ كۇنيۆ چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، ئۇ چۈشەندۈرۈش سۆزىنى سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە پىششىقلىدى. چۈشەندۈرگۈچى پەرىدە پەرھات مۇنداق دېدى: «دۇڭ مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىكنىڭ تارىخقا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشتى، چۈشەندۈرگەندە تېخىمۇ تەمكىن، ئۆزىمىزگە ئىشىنىدىغان بولدۇق.»

بۇ يىل 2 - ئايدا، سۈن كەي ئەر - خوتۇن 3 - قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى باشلىدى.

«بىزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز چېگرا رايوندىكى بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى مائارىپنى يەتكۈزۈش، ھازىر بۇ ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۆمۈرلۈك غايىمىزگە ئايلاندى. ۋەتەن ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلساق، ئاندىن كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دېدى سۈن كەي.

سۈن كەي ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، ئائىلىسىدىكى تۆت ياشانغان كىشى ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئەزەلدىن بىر ئېغىزمۇ ئاغرىنىپ باقمىدى. «ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىزنىڭ ئەڭ زور ئىشەنچىمىز» دېدى دۇڭ كۇنيۆ.

بۇلتۇر، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا تايىنىپ، سۈن كەي ئەر - خوتۇن «تىيانشاندا جان پىدا قىلغانلارغا مەدھىيە» «تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش، ئاسار ئەتىقىلەرنى ساقلاش، قەھرىمانلار ۋە ئاقىللارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش» قاتارلىق ئىجادىي ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يەرلىك تارىخ تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

ئالتە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە، تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇغۇچى ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئىلگىرى «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» ناملىق تىياتىرغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى لى شاۋخەن ھازىر شېنياڭ شەھەر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. مەكتەپتىكى مەزگىلدە، لى شاۋخەن تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، ئەينى چاغدىكى كۇرۇژۇكتىكى كۈنلىرىنى ئەسلىگەندە، ئۇ تولۇپ تاشقان سېغىنىش ئىچىدە مۇنداق دېدى: «سۈن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ تىياتىرنى رېپېتىتسىيە قىلىش، ئىجادىيەت ئۆگىنىش جەريانىدا، مەن دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدىم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، بۇ ھاسىلاتلار مېنى تېخىمۇ ئىشەنچكە، تېخىمۇ جاسارەتكە ئىگە قىلدى.»

«نۇرغۇن كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنى بېغىشلاش دەپ قارايدۇ، لېكىن بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز تۆلىگەن بەدىلىمىزدىن خېلىلا كۆپ بولدى. بالىلارنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى دەل تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزلاردۇر.» بۇ، سۈن كەي، دۇڭ كۇنيۆنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چىن تەسىراتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.