■ئىستون سۆزى
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، بىز پات ئارىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.
شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، بىر قىزىل كېمىدىن ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا يانمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى.
105 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپە بىر جاينىڭ نامرات، ئاجىز بولۇشتىن گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشى، بىر مىللەتنىڭ خورلۇق تارتىشتىن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى ۋە گۈللىنىشى، شۇنداقلا بىر پارتىيەنىڭ كۆڭلىگە غايىنى پۈكۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىزدىنىشى ۋە كۈرەش قىلىشى بولدى.
بۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس ئىستونى «ئۇلۇغ مۇساپە» تەسىس قىلىنىپ، پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم يىغىن، زور ۋەقەلەر قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن شانلىق تارىخى قايتا نامايان قىلىنىدۇ.
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋلۇڭ
2026 - يىلى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىققا كەلگەن جاي − شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭدىن كەلگەن. 105 يىلدا ۋەزىيەت توختىماي ئۆزگىرىپ تۇردى، تارىخ بىلەن كەلگۈسى بۇ جايدا گىرەلەشتى، ئەسلىي مەقسەت بىلەن بۇرچ بۇ جايدا داۋاملاشتى.
شىنخەي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. 1919 - يىلى 4 - ماي ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشى ھەم ئۇنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەسىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. 1920 - يىلى يازدىن 1921 - يىلى ئەتىيازغىچە، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتى شاڭخەي، بېيجىڭ، ۋۇخەن، چاڭشا، جىنەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا ھەم ياپونىيە ۋە فىرانسىيەدە تۇرۇپ قالغان خۇارېنلار ئارىسىدا ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى.
كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ماركسىزمنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشى ھەم ئۇنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن يەنىمۇ بىرلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئىشچىلار سىنىپىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغارلار مۇشۇ جەرياندا ئۆسۈپ يېتىلدى. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگودا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇش شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاندى.
1921 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيى شاڭخەيدىكى فىرانسىيە زۇجيېسى ۋاڭجى يولى 106 - نومۇر(ھازىرقى شىڭيې يولى 76 - نومۇر)دا ئېچىلدى.
ھەرقايسى جايلاردىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەشكىلاتىنىڭ 13 ۋەكىلى بۇ جايغا جەم بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ھەر خىل بولۇپ، تەلەپپۇزى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىر جايغا جەم بولغانىدى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ۋەكىلى مالىن بىلەن نىكولسكى يىغىنغا قاتناشتى.
7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ناتونۇش ئەر تۇيۇقسىز يىغىن مەيدانىغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن، يەنە ئالدىراش چىقىپ كەتتى. ئۇزاق مۇددەت مەخپىي خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ما لىن بۇ ئادەمنىڭ دۈشمەن پايلاقچىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، يىغىننى دەرھال توختىتىش تەكلىپىنى بەردى. كۆپ قىسىم ۋەكىللەر دەرھال يۆتكەلدى. بىردەمدىن كېيىن، فىرانسىيە زۇجيېسى ساقچىلىرى يىغىن ئورنىنى ئاختۇردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندىكى يىغىن ئورنى يۆتكىلىپ جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى ساياھەت كېمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ نامىنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دەپ ئاتاش بېكىتىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى پىروگراممىسى ۋە قارارى ماقۇللاندى، «ئىنقىلابىي ئارمىيە جەزمەن پىرولېتارىيات بىلەن بىرلىكتە كاپىتالىستلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» «تاكى سىنىپىي كۈرەش ئاخىرلاشقانغا قەدەر پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئېتىراپ قىلىش» «كاپىتالىستلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنى يوقىتىش» شۇنداقلا 3 - ئىنتېرناتسىيونال بىلەن بىرلىشىش ئېنىق بەلگىلەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇش بىلەنلا، بايراق روشەن ھالدا سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىپ بەلگىلىدى ھەم ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى يېقىنقى زامان جۇڭگو تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ھاسىلاتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا قەيسەرلىك بىلەن ئىزدىنىشىنىڭ مۇقەررەر ھاسىلاتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ھاسىلاتى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بىر چوغ تۇتاشتۇرۇلدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ كېيىن مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش».
يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى قىلغان كۈرەشلەرنىڭ كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى دەل ئۆز كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان رەھبەرلىك يادروسى بولغان بىر ئىلغار، كۈچلۈك پارتىيەنىڭ بولمىغانلىقىدا.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ خىل ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تايانچقا ئىگە بولدى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى. جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېپيېڭى تۈسكە كىردى.
2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى تەكرارلىدى.
«شاڭخەيدىكى پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنى، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە پارتىيەمىز ئارزۇنى قاناتلاندۇرغان جاي.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز بۇ جايدا دۇنياغا كەلدى، بۇ جايدىن سەپەرگە ئاتلاندى، بۇ جايدىن پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە يۈزلەندى. بۇ جاي پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى».
دەۋر ئۆزگەردى، ئېتىقاد ئۆزگەرمىدى، روھقا ۋارىسلىق قىلىندى.
ھەقىقەتەن باش شۇجى شى جىنپىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە ئېيتقاندەك: «پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.» ئۇلارغا پارتىيەمىز قۇرۇلغان چاغدىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ يۈكلەندى، 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئۇچقۇن بۈگۈنكى كۈندە چەكسىز نۇر چېچىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى يورۇتماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






