تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى»نىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى\سانجى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تاپىلىدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى»نىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەلەپ قىلدى: رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى پۈتۈن جەريانلىق قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلەر باغچىسىدا يېشىل توك ئارقىلىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاساسىي تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدە قوللىنىش نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، كارخانىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوندىكى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىزمەت دوكلاتى بەردى، ئالاقىدار كارخانىلار يازما ماتېرىيال تاپشۇرۇپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى پائال پىلانلاپ يولغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل توك بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمىنى زورايتىپ، شىنجاڭ بويىچە ھېسابلاش ئىقتىدارى «بىر تور»ىنى بەرپا قىلىپ، توردا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «يېشىل توك + ھېسابلاش ئىقتىدارى»نىڭ چوڭقۇر باغلانما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى ۋە قوللىنىش ئەمەلىيىتىگە تايىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلى تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قوللىنىش ھالىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلار ماسلىشىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە جەمئىيەت قاتنىشىشنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەت، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مودېل ھېسابلاش ئۇسۇلى، سانلىق مەلۇمات بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە، ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قادېن كەبىن، پەن شى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.