− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ جەنفېي، شىڭ تو
2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، «تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش» دەۋر چاقىرىقىنى چىقاردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىلدى، مەزمۇت قەدەم تاشلاندى، مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، قەدىمىي مەدەنىيلىك بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ھۆسن قوشىدىغان گۈزەل مەنزىرە جۇڭگو زېمىنىدا تەدرىجىي نامايان بولدى.
مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغداپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا، ئىجادچانلىققا، بىرلىككە، سىغدۇرۇشچانلىققا، تىنچلىققا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا يىغىنچاقلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن «گېن شىفىرى»نى ئېچىپ بەردى.
بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، 2025 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش ئېلان قىلىندى، خېبېي شۈەنخۇادىكى جېڭجياگوۋ خارابىسى، سەنشى شىياڭدىكى جۇڭسۈن خارابىسى، شەندۇڭ چىڭداۋدىكى لاڭياتەي خارابىسى قاتارلىق زور نەتىجىلەر تارىخىي سىرلارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ بېرىپ، مەدەنىيلىك تومۇرىنى تولۇقلاپ، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى سىجىل دەلىللىدى.
ئارخېئولوگىيەلىك مەنبە تەكشۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تارىخ بايان قىلىندى.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى ئاساسى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاندى، 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، 3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملانغان 767 مىڭ ئورۇندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتا تەكشۈرۈش تاماملاندى، يېڭىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتىنى مۇستەھكەملىدى.
«جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش»تىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى 60 تۈرگە يېتىشتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سەنئەت بۇيۇملىرىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشكە كۆڭۈل بۆلۈشىگىچە، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئورتاق تونۇش بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
مۇزېيغا كىرگەندە، كىشىلەرنىڭ «جانلىق ۋارىسلىق قىلىش»قا بولغان تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
بۇ يىلقى خەلقئارا مۇزېي كۈنىدە، شاڭخەي مۇزېيىنىڭ شەرقىي سارىيىدا AI كۆزەينىكى ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەپ كۆرسىتىش سىستېمىسى تورغا چىقىرىلدى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق ماتېرىيال ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېينىڭ مەخسۇس چوڭ تىپتىكى AI مودېلىغا تايىنىپ، كۆرگەزمىنى چۆكۈش شەكلىدە ھەمتۈرتكىلىك كۆرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېي 3Dلىق بېسىش، ھەمتۈرتكىلىك پىرويېكسىيە قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ قەدىمكى ساپال بۇيۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ياشلار ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بۈگۈنگە قەدەر، بىر يىلدا 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشى مۇزېيغا باردى. يۈز مىليونلىغان ئامما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا مەدەنىيلىكنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغدىغانلىق دەل مىللەت روھىنى قوغدىغانلىق.
2025 - يىلى 3 - ئايدا، گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋشىڭ دۇڭجەيگە كېلىپ، موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنەر - سەنئىتى تەرتىپىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى، مەسئۇل خادىم بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەم شەكلى بار كەنت، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ئۆزگىچە ئىمارەت قىياپىتىنى قوغداش، شەكىلسىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، ھەم ئۇنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»
بۈگۈنكى كۈندە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە كۆپ نۇقتىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىپ كەتتى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو يېڭى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۇيۇملىرى بازىرى ھەم مودا ئويۇنچۇقلار باغ سەيلىسىدە بېيجىڭ كەشتىسى، كەشتىلىك تۈگمە، سەمشىت دەرىخى ياغاچ ئويمىچىلىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ماھارەتلەر مودا ئويۇنچۇقلار، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى لايىھەسىگە سىڭدۈرۈلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىجادىيىتى ساھە ھالقىپ نام چىقاردى، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كىردى.
942 نەپەر 6 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئېلان قىلىندى؛ 45 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرىپ، ئومۇمىي سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە جەمئىي قۇرۇلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى 14 مىڭ 900دىن ئېشىپ، 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى.
ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ، ۋارىسلىق قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، دەۋرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋى خىسلىتى ۋە مەدەنىيەت پەزىلىتىگە سىڭىپ، قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
قەدىمكىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى كۈيلەش
باش شۇجى شى جىنپىڭ: مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا باشتىن - ئاخىر ئادەمنى كۆزلەش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، بىزدىن خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
«بىپايان دېڭىز - ئوكياندا، سېنى سېغىنساملا، ئارىلىق يىراق تۇيۇلمايدۇ.» «مومامغا يازغان مۇھەببەت خېتى» ناملىق كىنودا چياۋمىنلارنىڭ خەت - چەكلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئاددىي كۆرۈنۈش، مېھىرلىك بايانلار ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇرت سېغىنىشى، مېھىر - مۇھەببىتى ۋە دۆلەت مۇھەببىتى تەسىرلىك بايان قىلىندى، كىنو قويۇلغاندىن بۇيان سانسىزلىغان كۆرۈرمەننى تەسىرلەندۈردى.
ھازىر، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەۋقەنى دەۋرگە قويۇپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، سەرخىل ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ»دا تارىخىي داستان ئەندىزىسى ئارقىلىق قاينام - تاشقىنلىق يىللار ئەسلەپ ئۆتۈلدى، «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» قاتارلىق دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلەر مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقالدى، «تىنچ يىللار» «سۈكۈتتىكى شان - شەرەپ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئالقىشقا ئېرىشىپ نام چىقاردى، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ياپيېشىل تاغ - دەريالار» «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» سەييارە ئورۇنلىنىپ قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى... ئەنئەنىۋى ئاساس بىلەن دەۋر خاراكتېرى گىرەلىشىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقىدا نادىر ئەسەرلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ئېسىل نومۇرلار كەينى - كەينىدىن نامايان قىلىندى.
«ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە يۈز خىل، مىڭ خىل ئۇسۇل بار، لېكىن ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.
«ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش» «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. دۇڭگۇەندىكى «ئىشلەمچى يازغۇچىلار توپى»، نىڭشيا شىخەيگۇدىكى «دېھقان يازغۇچىلار»دىن جېڭجوۋدا بەرپا قىلىنغان «مىكرو قىسقا تىياتىر شەھىرى»، خېڭديەندىكى ساھە ھالقىغان «مىكرو قىسقا تىياتىر سۈرەتكە ئېلىش بازىسى»غىچە، تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى كىشىلەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى باش رولچىغا ئايلاندى.
جۇڭگوغا نەزەر سالساق، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان 40 مىڭدىن ئارتۇق يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى «مەدەنىيەت مېھمانخانىسى»غا ئايلاندى، «كەنت ناخشىسى» «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» قاتارلىق «كەنت دەرىجىلىك» پائالىيەتلەر سىجىل جانلاندى، شىچۈ تىياتىرىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئەدەبىيات - سەنئەت «كۆرۈش سۇپىسى» ئومۇمىي خەلقنىڭ «سەھنە»سىگە ئايلىنىپ، ھەممە كىشى قاتنىشالايدىغان بولۇش، ھەممە جايدا ئېسىل ئويۇنلار بولۇش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى 6312 ئاپپارات كۆرگەزمىگە قاتناشتى، 120 مىڭدىن ئارتۇق ئېسىل مەدەنىيەت ئەسىرى بىر يەرگە جەم بولدى، 400 مەيداندىن ئارتۇق ئۆزگىچە پائالىيەت ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى... يېقىندا يېپىلغان 22 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يەرمەنكىسى جۇڭگو مەدەنىيەت كەسپىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى سىجىل نامايان قىلدى. 22 يىل چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، بۇ مەيدان «جۇڭگو مەدەنىيەت كەسىپلىرى بىرىنچى كۆرگەزمىسى» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئەندىزىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيەت جاۋاب قەغىزىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقتى.
مەدەنىيەت كەسپى گۈللىنىۋاتقان كەسىپ. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى يېڭى مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، مەدەنىيەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلىدى.
بۈگۈنكى دەۋردە، رەقەملىك تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، تارقىتىش پۈتۈن زەنجىرىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىردى، چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرگەزمە قىلىش، ئويۇن قويۇش، توردا كۆرسىتىش، رەقەملىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى تېز قەد كۆتۈردى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قاتتىق تىرىكىگە ئايلاندى.
كۆڭۈلگە جاھاننى پۈكۈپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش
بېيجىڭ تيەنتەندە، چىنيەنديەن سارىيى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قاتمۇقات لەمپىلەرنىڭ سىرلانغان كاھىشلىرى نۇر چاقنىتىپ تۇراتتى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى بۇ جايغا جەم بولۇپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ قەدىمىي ئىمارەتتە «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» ئالەم قارىشى ۋە تىرىكچىلىك پەلسەپەسىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەتنى ۋاسىتە قىلىپ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت ئەقىل - پاراسىتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىللە ئۆتۈش يولىغا ئىللىق ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشتى.
دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاش ھەم ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا كۈچىگە ئېھتىياجلىق، ھەم مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك كۈچىگە ئېھتىياجلىق.
«جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى، «لياڭجۇ مۇنبىرى»، دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىدىن جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى، ئافېنا جۇڭگو كىلاسسىك مەدەنىيلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تەسىس قىلىنىشىغىچە، يەنە رەڭدار جۇڭگو - چەت ئەل ساياھەت يىلى، مەدەنىيەت بايرىمى، ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگىچە... جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيلىك سۆھبىتى كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتە باراۋەر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا كۈچ قوشتى، بۇ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزدى، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.
مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ.
بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو كۆچمەنلەر مۇزېيىدا 160 كۈن داۋاملاشقان «يىپەك تاغ - دەريالارنى تۇتاشتۇردى − جۇڭگودىن بىرازىلىيەگىچە» كۆرگەزمىسى بۇ يىل 3 - ئايدا ئاياغلىشىپ، 110 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۆرگەزمە زالىغا كىرىشكە جەلپ قىلدى. بېيجىڭ پايتەخت مۇزېيىدا «قوناق . ئالتۇن . ئامېرىكا يىلپىزى − مايا ۋە ئاندېس قەدىمىي دەۋر مەدەنىيلىكى» كۆرگەزمىسى 5 - ئايدا باشلىنىش بىلەنلا كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۆرگەزمىنى كۆردى. يەرشارىنىڭ يېرىمىدىن ھالقىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەيلى ئىچكى جەھەتتە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇش بولسۇن ياكى تاشقى جەھەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇشتىن، قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ.»
بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگوغا كۈنسېرى دىققەت قىلماقتا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلماقتا. چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ قولايلىشىشى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ چەت ئەللىك دوستلار جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگونى ھېس قىلىپ، بازاردىكى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات، تاغ - دەريا مەنزىرىلىرى ئارقىلىق، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگونى چۈشەندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور ئەدەبىياتى، تور ئويۇنى، تور كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلاتى» تېز سۈرئەتتە مەملىكەت سىرتىغا يۈزلەندى، مودا ئويۇنچۇق «لابۇبۇ» ياۋروپا - ئامېرىكا بازارلىرىدا ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى، باھار بايرىمى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل، جانلىق جۇڭگو مەدەنىيەت ئامىللىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جانلىق ھەم مول جۇڭگو ئوبرازىنى بارغانسېرى كەڭ دائىرىدە تونۇدى ۋە چۈشەندى.
ئىلگىرىكىگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كونىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، زىممىمىزدىكى ۋەزىپە ئېغىر، بۇرچىمىز شەرەپلىك.
«تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش − يېڭى تارىخ يارىتىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت − ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساس ۋە روشەن دەۋر روھى مۇجەسسەملەنگەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جەزمەن يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلايدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە شەرق كۈچى قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






