كۆڭلىدىكىدەك ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، بەزىلەر دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. تېئېربوتىد(替尔泊肽) قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى «ئورۇقلىتىش ئوكۇلى» ئاتالمىش «خاسىيەتلىك دورا» تاجىنى تاقىغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى.
ھالبۇكى، رېئاللىق ئېلانغا يېزىلغان «ھەرىكەت قىلمىسىمۇ، تاماقنى خالىغانچە يېسىمۇ، ياتسىمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەندەك ئۇنداق گۈزەل ئەمەس. داۋالاش سالاھىيىتى ھازىرلانمىغان جايلاردىن ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى سېتىۋالسا ھەم قارىغۇلارچە ئىشلەتسە، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، سۇسىزلىنىش، ھەتتا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاتالمىش «بىر ئوكۇلدا ئون جىڭ ئورۇقلاش» راستتىنلا ھەممە ئادەمگە ماس كېلەمدۇ؟ قارىغۇلارچە ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟
بىر ئەر «ئورۇقلىتىش ئوكۇلى» ئۇرغۇزغاندىن كېيىن قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلدى
بىر يىلدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى
تىك قىياغا يامىشىش ھەۋەسكارى لى ئەپەندىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ھەرىكەت ئىپادىسى ياخشى بولماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مۇددەت «توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىكى»گە گىرىپتار بولۇپ، تېئېربوتىد(替尔泊肽)نى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. دورا ئىشلىتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، لى ئەپەندىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، 82 كىلوگىرامدىن 79 كىلوگىرامغا چۈشتى.
لى ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئۈچ ئايدا جەمئىي ئۈچ قېتىم ئوكۇل ئۇرغۇزدۇم، دەسلەپتە 2.5 مىللىگىراملىقنى ئۇرغۇزدۇم، كېيىن بىۋاسىتە 10 مىللىگىراملىقنى ئۇرغۇزدۇم. مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئەمما ئېغىرلىقنى چۈشۈرش ئۈنۈمى بۇرۇنقىغا يەتمىدى.
خۇشاللىنارلىقى شۇكى، لى ئەپەندى دورا ئىشلىتىش جەريانىدا ئانچە بىئاراملىق ھېس قىلمىدى، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى تۈپ سانى چوڭ ئاغرىق شياۋ ۋاڭ تېئېربوتىد(替尔泊肽)نى بىر مەزگىل ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، گەرچە ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن بەدىنىدە بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇنى توختاتقاندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شياۋ ۋاڭ ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر ئوكۇلدىن تەخمىنەن يېرىم يىل ئەتراپىدا ئوكۇل ئۇرغۇزغانلىقىنى ئېيتتى. ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 240 جىڭدىن كۆپرەك ئىدى، يېرىم يىلدا تەخمىنەن 30 جىڭ ئورۇقلاپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئەمما، بۇ مەزگىلدە شياۋ ۋاڭنىڭ ئىشتىھاسى زور دەرىجىدە تۇتۇلۇپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.
قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلگەچكە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شياۋ ۋاڭ ئوكۇل ئۇرغۇزۇكشنى توختاتتى. ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنى توختىتىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى قايتىدىن ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە چىقتى.

ماتېرىيال سۈرەت
ئىشلىتىش بوسۇغىسى بار «ئورۇقلىتىش ئوكۇلى» زادى قايسى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشىغا ماس كېلىدۇ؟
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «سېمىزلىك كېسىلىنى داۋالاش كۆرسەتمىسى (2024-يىل نەشرى)»دە ئېنىق بەلگىلەنگەن، سىمېگرۇتېد(司美格鲁肽)، تېئېربوتىد(替尔泊肽) قاتارلىق GLP-1 تۈرىدىكى ئوكۇل سۇيۇقلۇقى سېمىز، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان رېتسىپلىق داۋالاش دورىسى بولۇپ، ئىشلىتىش دائىرىسى قاتتىق بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، تېئېربوتىد پەقەت BMI ≥ 28 بولغان سېمىز قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ياكى BMI ≥ 24 بولغان ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان شېكىرى، قاندىكى ماي نورمالسىز قاتارلىق مېتابولىزم كېسەللىكلىرىگە ئەگىشىپ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ماس كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ ماينى ئازايتماقچى بارلىق كىشىلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، پەقەت بەدەن ھالىتىنى ئىنچىكە تەڭشەشنىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، بۇ خىل ئوكۇلنى ئۇرغۇزۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمايلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ مېتابولىزم تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشكارا خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن جايلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرى ئىلگىرى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنىڭ ناچار تەسىرى كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنى مەركەزلىك قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، نوقۇل ئورۇقلاشنى قوغلىشىدىغان ياش ئاغرىقلار ئاز ئەمەس ئىكەن. نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر خاتا تونۇشقا پېتىپ قېلىپ، ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى ھەممىگە قابىل خاسىيەتلىك ئورۇقلىتىش قورالى دەپ قاراپ، دورىنىڭ ماھىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.

بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى جىگەر كېسەللىكى 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى دۇ شياۋفېينىڭ قارىشىچە، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ تېئېربوتىد(替尔泊肽)نى تاللاپ ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشىدىكى سەۋەب، ئالدى بىلەن دورا ئۈنۈمى، ئۇنىڭدىن قالسا كۆپچىلىكنىڭ بەدەن شەكلىنى باشقۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، شۇنداقلا بازارنىڭ ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى تەشۋىق قىلىپ يېتەكلىشىدىن ئىكەن.
دۇ شياۋفېي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تېئېربوتىد(替尔泊肽) رېتسىپلىق دورا، ئۇنى كەسپىي دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى، نۇرغۇن كىشى ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈشتە ئاسان يول تېپىۋالدۇق دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە دورا ئىشلىتىش شەرتى تۆۋەنلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تارىخىغا قاراپ ئىشلىتىشى كېرەك.
دۇ شياۋفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر شۇ كىشى پەقەت ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكتىن بىرى قوشۇلۇپ كەلسە، ئاندىن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن، يۇقىرى قان شېكىرى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي نورمالسىز بولۇش، جىگەرنى ماي قاپلاش، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دېگەندەك. ياكى ئۇ ئاللىقاچان سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، تۇرمۇشتا دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ ئېغىرلىق چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتەلمىگەن بولسا، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا بىرلىكتە ئېغىرلىق چۈشۈرۈش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.
«ئورۇقلىتىش ئوكۇلى» ئۇرۇش ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى ھەرگىز ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىپ ئۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ
دۇ شياۋفېينىڭ ئېيتىشىچە، تېئېربوتىد(替尔泊肽)نىڭ ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ناچار تەسىرلەر كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىشلەتكەن دەسلەپكى مەزگىلدە ناچار تەسىر كۆرۈلسە، كۆپ قىسمىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن، لېكىن بۇ دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خەۋپى مەۋجۇت بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئورۇقلىتىش دورىلىرى ماينى ئازايتىپلا قالماي، يەنە مۇسكۇللارنىمۇ ئازايتىدىكەن، دورا ئىشلەتكەن مەزگىلدە مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلىنىڭ خەتىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن. يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ، ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئاستىدا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان.

ماتېرىيال سۈرەت
دۇ شياۋفېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەڭ خەلق ئاممىسى ھەرگىزمۇ رېتسېپلىق ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىپ ئۇرغۇزماسلىقى كېرەك، ساغلام ئورۇقلاشنىڭ يادروسى باشتىن-ئاخىر ئىلمىي يېمەك-ئىچمەك، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت، ياخشى دەم ئېلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، رېتسېپلىق ئورۇقلىتىش دورىسىنى پەقەت سېمىزلىك كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالاش ۋاسىتىسى قىلىشقا بولىدۇ، ھەمدە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم قاتتىق باھالىتىش كېرەك.
دۇ شياۋفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن ياخشى باھالىتىش كېرەك، بىرىنچى، سېمىزلىك ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش-كەتمەسلىك، ئىككىنچى، مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ باشقا كېسەللىكلىرى بار-يوقلۇقى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسەللىك تارىخى، قالقانسىمان بەز كېسىلى بار-يوقلۇقى، ئەگەر ئىلگىرى قالقانسىمان بەز يىلىكسىمان راكى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ قالقانسىمان بەز يىلىكسىمان راكى جەمەت تارىخى بولسا، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ».
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






