يېقىندا، نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا سىجىل ئۆرلەپ، نۇرغۇن كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، «78 ياشلىق بىر ئايال ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىر كېچە ئېچىپ ئۇخلاپ، ئۆپكىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاقىرىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«ساغلام خاڭجوۋ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا 78 ياشلىق خې ھەدە (ئۆزگەرتىلگەن فامىلە) ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ يانماي، قاتتىق يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغان.
CTدا كۆرسىتىلىشىچە، خې ھەدىنىڭ ئوڭ ئۆپكىسىنىڭ چوڭ ياپراقچىسىدا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش بولغان.

مەسئۇل ۋىراچ جۇڭ شياۋخۇا سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ھالقىلىق يىپ ئۇچىنى بايقىدى: كېسەل قوزغىلىشتىن بۇرۇن، خې ھەدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئۇخلىغان، بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا بۇلتۇر قىشتىن باشلاپ تازىلىنىپ باقمىغانىكەن.
كوللېكتىپ دەرھال كاناي ئەينىكى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى، ئەۋرىشكىدىن ئۆپكىخۇمار جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى تېپىپ چىقىلدى، خې ھەدىگە جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى.
قاراتمىلىق ھالدا ئانتىبىئوتىك دورا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، خې ھەدىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلاندى.
خۇبېي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇبېي ۋۇخەن شەھەرلىك 3-دوختۇرخانا نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باۋ مىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ئاغرىق مىسالىنى تىلغا ئالغان: ھاۋا ئىسسىغاندىن كېيىن، 32 ياشلىق جاڭ ئەپەندى ئىشلىتىلمىگىنىگە يېرىم يىل بولغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىۋاسىتە ئاچقان، نەتىجىدە ئۇدا ئۈچ كۈن قىزىش، مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.
دەسلەپتە، جاڭ ئەپەندى خاتا ھالدا ئادەتتىكى زۇكام بولۇپ قاپتىمەن، دەپ قارىغان، لېكىن دورا ئىچكەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مەيدىسى چىڭقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندىنىڭ كۆكرەك قىسمىنىڭ CT نەتىجىسىدە سول ئۆپكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملانغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭغا ئۆپكىخۇمار جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، قاراتمىلىق داۋالاش ئارقىلىق ئاندىن خەتەردىن قۇتۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى تەبىئىي سۇ مەنبەسى، سۈنئىي سۇ مۇھىتىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدىغان گرام مەنپىي تاياقچە باكتېرىيەسى(革兰氏阴性杆菌) بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوۋۇتۇلغان سۇ تەخسىسى، سۈزۈش تورى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۇرۇبىسى ئۇزاق مۇددەت تازىلانمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك «ماكانى» ھېسابلىنىدىكەن.
ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشتىن توختىتىلىپ نەچچە ئايدىن كېيىن، ئىچكى قىسىمدىكى نەم، ھىم ئېتىلگەن مۇھىتتا جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى كۆپلەپ كۆپىيىدىكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلسىلا، جۈنتۇەنجۈن باكتېرىيەسى سوغۇق شامالغا ئەگىشىپ ئايرىدروگېن(气溶胶)غا ئايلىنىپ، ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆپكىگە سۈمۈرۈلۈپ، ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق تازىلاش كېرەك؟
ئەگەر ئۆيدە مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلسە، ھەر يىلى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشتىن بۇرۇن كەسپىي خادىملارنىڭ شامال تۇرۇبىسى ۋە پارلاندۇرغۇچنى تازىلىشى، دېزىنفېكسىيەلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ ئادەتتىكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئەگەر ئۆزى تازىلىسا، بۇ باسقۇچلارنى ياخشى ئەستە تۇتۇش كېرەك.
توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش: تازىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ھاۋا تەڭشىگۈچنى توكتىن ئايرىۋېتىڭ، توك سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭ.

ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزۈش تورىنى تازىلاش: سۈزۈش تورىنى چىقىرىپ، سۈزۈك سۇ بىلەن ئارقا تەرىپى (ئويمان يۈزى)نى يۇيۇڭ ھەم يېنىك چوتكىلاپ يۇيۇڭ، پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سالقىن جايدا تەبىئىي قۇرۇتۇڭ.

پارلاندۇرغۇچنى تازىلاش: سۈزۈش تورىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، پارلاندۇرغۇچنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنى تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ سېتىۋېلىپ پۈركۈشكە بولىدۇ، لېكىن پارلاندۇرغۇچنىڭ سىرتىغا پۈركىمەڭ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىن كېيىن توك يوللىرىنىڭ قىسقا تۇتىشىشىدىن ساقلىنىڭ؛ پۈركۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇتۇلغان سۈزۈش تورى ۋە تاختىنى قايتا سېلىڭ ھەم تەخمىنەن 15 مىنۇت تىنچ قويۇڭ؛ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوۋۇتۇش ئايلىنىشىنى 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئېچىپ، پاسكىنا سۇنى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن چىقىرىۋېتىڭ.

يۇقىرى تېمپېراتۇرا يېتىپ كەلدى
ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تازىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
ئىشلەتكەندە پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇڭ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ
قىزىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە
ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ






