شىنجاڭدىن ئىككى كىشى شەرەپ بىلەن 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2026-يىللىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بى يىنلى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىخەنزە داشۆنىڭ پىروفېسسورى چېن شۆگېڭ شەرەپ بىلەن 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى.
بۇ قېتىم شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئىككى نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىردەك ئۆز ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور بى يىنلى 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى نەق مەيدانىدا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن
پىروفېسسور بى يىنلى 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، غەربىي قىسىمدىكى كان رايونىدا يىلتىز تارتىپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق كۆمۈر كان رايونىدا مىكرو جانلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، مۇرەككەپ گېئو مۇھىتلىق كان رايونىدا مىكرو جانلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى يارىتىپ، ئىنتايىن قۇرغاق مۇھىتتا يۇقىرى سىجىللىقتا كۆمۈر قېزىش بىلەن ئاجىز ئېكولوگىيە گىرەلىشىشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قىيىن مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، جانلىقلارنى باكتىرىيە دورىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان كۆپ خىل مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى كۆمۈر ئېنېرگىيە بازىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 12نى قۇرغان، جەمئىي كېڭەيتكەن كۆلىمى نەچچە يۈز مىڭ موغا يېتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەننەرخى تۆۋەن، كۆپەيتىشكە بولىدىغان بۇزۇلغان كان رايونى ئېكولوگىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىش تېخنىكا ئەندىزىسىنى ياراتقان. ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى تۈردە دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 11 تۈردە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتقا ۋە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئىلگىرى مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى بويىچە ئىلغار شەخس قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
ئاكادېمىك چېن شۆگېڭ دۆلىتىمىز بويىچە داڭلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇتەخەسسىسى، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ 14 يىل سەرپ قىلىپ، سولياۋ يوپۇق يېپىپ كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان، ئۇ كەشىپ قىلغان كېۋەزنى يوپۇق يېپىپ تېرىش ماشىنىسى دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىش-تۈجۈپىلەپ تېرىش، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئارقا-ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پاختىنى دۆلىتىمىز بويىچە تۇنجى قېتىم ئومۇمىي جەريانلىق ماشىنىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. ئۇ باشتىن-ئاخىر «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېتىزلىقتا باشلىنىپ يەنە ئېتىزلىقتا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك» دېگەن پەن تەتقىقات قارىشىدا چىڭ تۇرغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ يەنە ئېتىزلاردىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش بويىچە ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ 80 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بەش تۈردىكى پەن تەتقىقات تېمىسىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ، كېۋەزلىكتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






