6-ئاينىڭ 1-كۈنى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى
مايتاغ-كۇچا تاشيولى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ
تىيانشان تاغلىق رايونلىرىدا قىش پەسلى قار يېغىش
مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ
قاتناش ۋاقتى ئادەتتە
ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ
مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
بۇ تاشيول
قارلىق تاغ، جىلغا، ئورمان، يايلاق
سۇلۇق يەر ۋە چۆللۈك قاتارلىق مەنزىرىلەرنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ
ئۇزاق ماڭمايلا ھەرخىل يەر شەكلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ
بۇ خۇددى كىشىگە تۆت پەسىل ئالماشقان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى كۆرگەندەك تەسىرات بېرىدۇ
مايتاغ چوڭ جىلغىسى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بويلاپ
ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىپ تەخمىنەن يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن
مايتاغ چوڭ جىلغىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ
جىلغا، قىيالار ئۇزاق ۋاقىت قار-يامغۇر، بوران-چاپقۇننىڭ ئۇپرىتىشى، يالىشى تەسىرىدە
ئۆزگىچە بولغان جىلغا پۈرمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جىلغا مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان
بۇ جاي كۆپلىگەن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتىكى مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ تاللانغان
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مايتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى دەريا ئېقىنى جىمجىت ئاقماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر مايتاغ چوڭ جىلغىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
تاڭبالى يايلىقى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭسىڭىز
تاڭبالى يايلىقىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ
بۇ جايدا يايلاق خۇددى گۈزەل مەنزىرە رەسىمدەك كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ
بۇ جايدا، شەمشاد ئورمىنى ياپيېشىل قەد كۆتۈرگەن، مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ
«يۈز چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرە، تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دېگەن گۈزەل نامى بار
نارات يايلىقى
تاڭبالى يايلىقىدىن ئايرىلىپ
تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن نارات يايلىقىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ
بۇ يەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ، مەنزىرىسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ
«بوشلۇقتىكى يايلاق» دېگەن نامى بار
ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە
ياۋا كۈركۈم گۈلى، سۇس سېرىق رەڭلىك ئالتۇنگۈل بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ
كۆز يەتكۈسىز يايلاقنى ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ
نارات يايلىقىنى
رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزىغا ئايلاندۇرىدۇ
نارات يايلىقى ئاسمىنىدا كۆرۈنگەن ئاي (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نارات يايلىقىدا ئاسماننى بۇلۇتلار قاپلاپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىردى. كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭسىڭىز
بايىنبۇلاق يايلىقىغا ئاز قالغاندا
ئاپتوموبىل دەرىزىسىنىڭ سىرتىدا دەرەخلەرنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقى
ئوت-چۆپلەرنىڭ بىردەم ئېگىز بىردەم پاكار، رەڭگىنىڭ ئەسلىدىكى قېنىق يېشىلدىن تەدرىجىي سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز
بۇ جايدا تاغ، ئېدىرلىق، ئويمانلىق، يايلاق،
سۇلۇق يەردىن ئىبارەت كۆپ خىل مەنزىرە يۇغۇرۇلغان بولۇپ
ھەر يىلى جاي-جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ

قوي پادىلىرى بايىنبۇلاق يايلىقىدا ئوتلىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). تيەن گوجيەن فوتوسى
«توققۇز توقاي 18 ئەگىم»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت). جاڭ گۇاڭخۇي فوتوسى
بىپايان يايلاقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قايدۇ دەرياسىنىڭ
ئەزەلدىن «توققۇز توقاي 18 ئەگىم» دېگەن گۈزەل نامى بار
كۈن پاتقان پەيت
دەل «توققۇز توقاي 18 ئەگىم»نى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
كۈن ئاستا-ئاستا پاتقاندا
كەچكى شەپەق نۇرىدا دەريا خۇددى ئالتۇن رەڭ لېنتىدەك كۆرۈنىدۇ
چوڭ-كىچىك كۆل
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى
ئاپتوموبىل ئايلىنىپ چۈشىدىغان جايدا
تىيانشان قار سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئېگىز تاغدىكى چوڭ-كىچىك كۆل بار
دالۇڭچى كۆلنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، سۇنىڭ رەڭگى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل
دالۇڭچى كۆلىگە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شياۋلۇڭچى كۆل خۇددى مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرىدۇ، شياۋلۇڭچى كۆلى بىلەن دالۇڭچى كۆلى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ
ھەر يىلى ياز پەسلىدە، تاغ باغرىدىكى ياپيېشىل شەمشاد ۋە يېشىل ئوت-چۆپلەر
قارلىق چوققا بىلەن قوشۇلۇپ، بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ
ھەم كۆرگەن كىشىدە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ
مەنبە: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بويلاپ داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ماڭسىڭىز
تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ
بۇ يەردە تاغ چوققىلىرى بىر-بىرى بىلەن گىرەلەشكەن
جىلغىدىكى يول ئەگىم ھالەتتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ
قەدەملىرىڭىز ئاستىڭىزدا بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز
قەدەمدە بىر گۈزەل مەنزىرە بار، ھەممە جاي گۈزەللىككە تولغان
ساياھەتچىلەر تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ۋاڭ خۇڭلى فوتوسى
كۇچا
مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن
كۇچادىن ئىبارەت بۇ گۈزەللىككە تولغان شەھەردە
ئىككى كۈن
سەيلە-ساياھەت قىلىپ
خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ
بۇ جاينىڭ ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ
ئارتىسلار كۇچا شەھىرىدىكى دوپپا كوچىسىدا ئويۇن قويماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى
ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۇچا شەھىرىدىكى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى يادىكارلىقلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
مايتاغ-كۇچا تاشيولى نېمە ئۈچۈن «ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ ئاتىلىدۇ؟
پەقەت بۇ يولدا مېڭىپ باققان كىشىلەرلا
بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدۇ
بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ شىخو ئۆتىڭى بۆلىكى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






