«شېڭنۈگو (圣女果) گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك» «بۇنداق قىزىل بولسا چوقۇم ھورمۇن ئۇرۇلغان»...ھازىر دەل شېڭنۈگو(圣女果)نىڭ بازارغا سېلىنىش مەزگىلى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تېمىلار كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇخبىر كۆپ تەرەپتىن دەلىللەش ئېلىپ باردى. «شېڭنۈگو (گىلاس شوخلا) گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ئۆزگىرىش ۋە سۈنئىي تاللاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن سورت.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆكتات، گۈل-گىياھ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جۈنمىڭ شۇنداق دېدى: شېڭنۈگو بازاردا سېتىلىۋاتقان باشقا گىلاس شوخلىلىرىغا ئوخشاش، ھەممىسى تەبىئىي شارائىتتا، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى سورتلارنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سۈنئىي تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپ خىل سورتنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەلا خۇسۇسىيىتىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، پۈتۈن جەريان تاشقى مەنبەلىك گېن ئۆزگەرتىشكە چېتىلمايدۇ.
كەسپىي زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۆسەك سۆزلەر دائىم «ئىلىم-پەن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ ئېقىم مىقدارىقا ئېرىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەھىمىسىنى پەيدا قىلىپ، ئاممىنى بىيوتېخنىكىغا بولغان خاتا تونۇشقا يېتەكلەيدىكەن.
بۇ يەردە كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر كىچىك بىلىم بار: ئالدى بىلەن شېڭنۈگو (圣女果)، ئاندىن چوڭ شوخلا پەيدا بولغان.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، شوخلا ئەسلىدە پېرۇ ئورمانلىقىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ياۋا شىرنىلىك مېۋە ئىكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىلىغا كەلگەندە، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئاندىن ياۋا شوخلىنى كۆكتاتلىقىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شوخلىنى تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆندۈرۈش جەريانى باشلانغان − كىشىلەر ياۋا شوخلىنى كۆندۈرۈپ ئۆستۈرۈپ شېڭنۈگوغا ئايلاندۇرغان.
ھالبۇكى، شېڭنۈگو (圣女果) كىشىلەرنىڭ شوخلا مېۋىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن شوخلا ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆندۈرۈش باشلىنىپ، چوڭ مېۋىلىك شوخلا ئۆستۈرۈلۈپ، يەنى ھازىر تونۇش بولغان چوڭ شوخلىغا ئايلانغان.
ئۇنداقتا، دۆلىتىمىزدە گېنى يۆتكەلگەن شوخلا بارمۇ؟
يوق. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز پەقەت گېنى يۆتكەلگەن ھاشاراتقا تاقابىل تۇرالايدىغان كېۋەز ۋە گېنى يۆتكەلگەن ۋىرۇسقا قارشى تۇرالايدىغان مۇگۇۋانى تاۋارلاشتۇرۇپ تېرىشنى تەستىقلىغان، ھېچقانداق گېنى يۆتكەلگەن شوخلا سورتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىمىغان. بۇ يەردە كەڭ ئىستېمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بازاردىكى شوخلا سورتلىرى مول، يەككە تەنچىسى، رەڭگى، شەكلى ئوخشىمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئادەتتىكى شالغۇتلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
«يېزا ئىگىلىكىدە گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلار بەلگىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئەگەر گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك بولسا ياكى گېنى يۆتكەلگەن خام ماتېرىيال ئىشلىتىلسە، «گېنى يۆتكەلگەن»گە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەرنى قويۇش كېرەك. پەقەت دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەر، ھەممىسى قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەنسىرىشى ھاجەتسىز.
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






