—— مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى ۋە مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى پائالىيىتىگە نەزەر
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېن جىڭخۇا، ليۇ جېن، شياۋ خەيچۇەن
5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە 26 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى پەن - تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى قوزغىتىش
پۇت - قوللىرىنى ئېگىش - سوزۇش، قىياپىتىنى تەڭشەش ... 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى شياۋدۇڭ قولىغا تىزگىنەكنى ئېلىپ، مىنېرال سۇ ئارتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئىتنى كۆڭۈل قويۇپ كونترول قىلىپ، پەلەمپەيدىكى توسالغۇغا جەڭ ئېلان قىلدى. ئاخىر توسالغۇدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار ئىختىيارسىز ئۈنلۈك تەنتەنە قىلىشتى.
بۇ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى ۋە مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى پائالىيىتى مەزگىلىدە، مۇخبىرلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىدا كۆرگەن بىر كۆرۈنۈش.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھالىتى بەرپا قىلىپ، يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەييارلاشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلمىسى، دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، ئالىي مەكتەپ تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى؛ رەقەملىك ئادەم ھەمتۈرتكە بولۇش، چېۋەر قولدا مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك تۈرلەر نۆۋەت بىلەن تورغا چىقىرىلدى... پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى پەن تەتقىقات سورۇنلىرى بەس - بەستە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى، «ئالىي، زور، كاتتا» ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىلار ئاممىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. بۇ يىللىق پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل شەكىلدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى قوزغاتتى.
شەندۇڭ داشۆ قۇرۇلۇش مەشىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇڭ رۇي كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەپچىل مەشغۇلات تېخنىكىسى ئۈستىدە كۆپ يىل چوڭقۇر ئىزدەندى، ئۇلار تەتقىق قىلىپ ئاچقان 20 نەچچە خىل ماشىنا ئادەم جابدۇقى سانائەت، ئالاھىدە مەشغۇلات ۋە داۋالاش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، سەھنىگە چىقىپ يېڭىلىق يارىتىش كۈرىشى ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلەشتىن جىنەننىڭ ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكىچە، سۇڭ رۇينىڭ كۈنتەرتىپ جەدۋىلى توشۇپ كەتكەنىدى. «بۇ بايرامنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق! تېخىمۇ كۆپ ئامما ۋە ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، مەنىۋى مۇنبەت تۇپراقنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش
يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش مەنىۋى كۈچنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
جۇڭگو ئالىملار مۇزېيىدا بۇرجەكلىرى ئۇپراپ كەتكەن، بەتلىرى ئالا - بۇلا بولۇپ كەتكەن بىر قىزىل خاتىرە دەپتەر نۇرغۇن كۆرۈرمەننى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسى ماۋ يىشېڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەسلىمە بولۇپ، ئۇنىڭدا چيەنتاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتكەندىن تارتىپ ياپون ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىگىچە بولغان جەريان خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا بۇ خاتىرە دەپتەر كىشىلەرنى بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئالىمنىڭ قەلب دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ −
«ئۈچ يىل يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلدىم، ئۆزۈم سېلىپ ئۆزۈم پارتلىتىپ، قاتتىق قايغۇردۇم.» ۋەتەننى سۆيگەنلىكى، كۆۋرۈكنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن كۆۋرۈك سالدى؛ ۋەتەننى سۆيگەنلىكى، كۆۋرۈكنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ كۆۋرۈكنى پارتلاتتى. قۇرلار ئارىسىدىكى سۆز - ئىبارىلەردىن ئەۋلادلار نېمىنىڭ دۆلەت مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە، ماۋ يىشېڭنىڭ قىزى ماۋ يۈلىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دادام ئاشۇ بىر ئەۋلاد زىيالىيلارغا ئوخشاش، بىر ئۆمۈر پەن - تېخنىكا بىلەن خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈك سالدى، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۆۋرۈك سالدى.»
جۇڭگو ئالىملار مۇزېيى ئالىملار يۈرۈشلۈك داغدۇغىلىق كۆرگەزمىلىرىنى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 300 لېكسىيە ئۆمىكى ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش باش تېمىسىدىكى 1000 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيەنى قانات يايدۇردى؛ گۇاڭشىدىكى سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە پەن - تېخنىكا مەيدان - سارايلىرى ئاممىغا يۈزلىنىپ، ئالىملار روھى سەھنە تىياتىرى ئاممىۋى مەنپەئەت كۆرىكىنى قانات يايدۇردى ... ئۆزگىچە پائالىيەتلەر ئالىملارنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆرگەزمە سارىيىدىن سەھنىگە يۈزلەندۈردى، مەكتەپلەرگە كىرگۈزدى، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى.
«ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان كۈرەش قىلىش ئاساسىي رېڭى. بۇ يىللىق پائالىيەت مەزگىلىدە، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە، «ئەڭ گۈزەل پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى»نى مەركەزلىك ئېلان قىلدى، 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى تەقدىرلىدى.
كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئاياللاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۇغۇت يېشىدىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايال ئاغرىقلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىنى قايتا ياندۇرۇشىغا ياردەم بەرگەچكە، سىچۇەن داشۆ خۇاشى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خۇاشى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن لېي بۇ يىللىق «ئەڭ گۈزەل پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ تاللاندى. «ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسسىياتى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، دوختۇرلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قوغداش بىز تېببىي پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى» دېدى چېن لېي.
پەن - تېخنىكا ئۈلگىلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى يېڭى دەۋردىكى ئالىملار روھىنى پۈتۈپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قاتاردا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش
«ئالدىغا ماڭ، ئولتۇر، قول ئېلىشىپ كۆرۈش ...» جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسخانىسىدا، بېيجىڭ جىڭشەن مەكتىپىدىن پېنسىيەگە چىققان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئوقۇتقۇچىسى شا يوۋۋېينىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلىق بۇيرۇقلارنى ئوقۇشىغا ئەگىشىپ، بىر كىچىك ماشىنا ئىت ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ساۋاقداشلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. خۇشال كۈلكە سادالىرى ئارىسىدا، چۈشىنىكسىز ماشىنا ئادەم بىلىملىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىندى.
ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، جۇڭگو ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ «شام نۇرى خالىسانە ئوقۇتۇشى» بويىچە 20 نەپەرگە يېقىن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكتورى يەنبيەندىكى سەككىز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ماشىنا ئادەم پىروگراممىسى تۈزۈش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەمەلىيىتى قاتارلىق ئۆزگىچە دەرس ۋە ئوقۇتۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك پەن - مائارىپ بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
«شام نۇرى خالىسانە ئوقۇتۇشى»نىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 70 ياشقا كىرىپ قالغان شا يوۋۋېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق مەكتەپكە ئاممىۋى مەنپەئەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى يەتكۈزدى. «بىر شامنىڭ نۇرى بەلكىم ئاجىز بولۇشى مۇمكىن، بىراق سانسىزلىغان شام نۇرى يىغىلسا، بالىلارنىڭ پەن - تېخنىكا ئارزۇسىنى يورۇتالايدۇ.»
تەتقىقاتتا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىش، ئۆگىنىشتە جەزمەن خەلققە خىزمەت قىلىشنى شەرەپ بىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرى مەكتەپ، مەھەللە، كارخانا، زاۋۇت قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
خۇبېيدا، ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن «يۈزتۇرا، يېقىن ئارىلىق»تا سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەن ئارزۇسىنى يالقۇنجاتتى؛ شەنشىدە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا يېقىنلىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى؛ لياۋنىڭدا، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كوچا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، خالىس كېسەل كۆرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى ...
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئاسرايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)






