تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | كىشىنى تەسىرلەندۈرگەن ئاشۇ شىنجاڭلىق ئۆسمۈرلەر

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ ياڭماۋخۇ مەھەللىسى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، تېرە قورچاق ئويۇنى بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھەمراھ بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن كىچىك دوستنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. سۈرەتتە: كىچىك دوستلار تېرە قورچاق ئويۇنى ئويناشنى ھېس قىلماقتا. □ سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

«بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆك ئاسماندا جەۋلان قىلىۋاتقان ئوتقاشتەك قىزىل، شۇنداقلا قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان قىزىلدۇر.» 2025 - يىلى 7 - ئايدا، چىرا ناھىيەسى چىرا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمەخان پەرھات بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، ھاياجانلىنىپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە، بۇ سىن كۆرۈنۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نېمە دېگەن ياخشى سۆزلىگەن - ھە! بالىلار كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىدۇ.»

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭلىق بالىلار ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى، قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنگەن، لېكىن چەكسىز سەمىمىي بولغان دەقىقىلەر ئېكران ئىچى - سىرتىدىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار: بىز جۇڭخۇا مىللىتى، دېدى؛ ئۇلار: دۆلەت بايرىقى يەرگە چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ، دېدى؛ ئۇلار: دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە كۆز ياشلىرىمىزنى توختىتالمايمىز، دېدى؛ ئۇلار: دادىمىزغا ئوخشاش، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغدايمىز، دېدى...

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ سىيماسىنى ئەسلىسەك، سەمىمىي ساداقىتى بىلەن ۋەتەننى سۆيۈش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئارزۇغا ئىنتىلىش توغرىسىدىكى بىر پارچە دەۋر ئۆسمۈرلىرى تەزكىرىسىنى ئوقۇپ چىقالايمىز.

سەمىمىي ئەسلىي مەقسەت بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىش

بۇلتۇر، «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلىرى يازلىق تەتىللىك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاتىمەخان مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ تيەنئەنمېنغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردى. دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، نەزەرىنى قاتمۇقات كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ئاغدۇردى، كۆز ياشلىرى بىردىنلا تاراملاپ تۆكۈلدى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.

مۇشۇ دەقىقىنى خاتىرىلىگەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاڭ گۇيخۇا مۇنداق دېدى: «چېگرا رايوندىكى بالىلارنى ۋەتەننىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە روناق تاپقانلىقىغا ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، ئۇلاردا تەبىئىيلا ئىپادىلىنىپ چىققان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگەنلىكىدۇر.»

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پاتىمەخان مەكتەپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى بولدى. تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن قولى توختىماي تىترەپ كەتتى. ئەمما دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، پاتىمەخان ئاشۇ قىزىل بايراققا قاراپ، بىردىنلا ھودۇقۇشتىن توختىدى، سۆزلىرىمۇ بارغانسېرى راۋانلاشتى.

«پاتىمەخاننىڭ كەچۈرمىشى مەكتەپتىكى ھەربىر بالىنىڭ قەلبىدە بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىش ئىستىكى پەيدا قىلدى» دېدى ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى جۇ يەنجۈن.

ھازىر، پاتىمەخاننىڭ دىپلومات بولۇش يېڭى ئارزۇسى بار بولدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن تيەنئەنمېندىكى دۆلەت بايرىقىنى كۆرۈپ، مەكتەپ قورۇسىدىكى دۆلەت بايرىقىنى قايتا كۆرگەندىكى تۇيغۇ ئوخشاش بۇلامدىكەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «سالمىقى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن، ۋەتەن ھەربىر بالىنى كۆڭلىگە پۈكىدىكەن.»

بۇ يىل 5 - ئايدا، پاتىمەخان پىيونېرلار ۋەكىلى سۈپىتىدە جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. يىغىن مەيدانىدا ئۇ تۈز ئولتۇرۇپ، ھەربىر جۈملە تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تيەنئەنمېندا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرسلىكتىكى ۋەتىنىمىزنى ئاندىن ھەقىقىي چۈشەندىم. ھازىر مەن مەكتەپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى، ھەر قېتىم ھۆرمەت سالىمى بېرىشكە توۋلىغىنىمدا، قەلبىمدىكى ئاشۇ قىزىل بايراق بىلەن سۆزلەشكەندەك بولىمەن.»

ۋەتەنگە بولغان بۇ خىل تۇغما قىزغىن مۇھەببەت ئوخشاشلا ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى ئۈچ نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى. 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، بايقۇرۇت بازارلىق بايقۇرۇت كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن قىران سۇرانئالى، بەگزات توختىمەمەت ۋە نۇرباقىت ئادىل يول بويىدا لايغا مىلىنىپ كەتكەن بىر دۆلەت بايرىقىنى بايقىدى، ئۈچەيلەن ئاۋايلاپ ئېلىپ، دۆلەت بايرىقىنى پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن بايقۇرۇت چېگرا ساقچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

«نېمە ئۈچۈن ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىمىز؟» «چۈنكى بىز جۇڭگولۇق، دۆلەت بايرىقىنى يەرگە چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. دۆلەت بايرىقىنى ئاسراش ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدۇق» دېدى ئۈچ بالا ئەستايىدىللىق بىلەن.

ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسى ۋاڭ شيۇڭشيۇڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، بالىلاردىكى كۆرۈپ، ئاڭلاپ ئادەتلىنىشتىن شەكىللەنگەن تۇغما قابىلىيەت.»

بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇش تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى

جىمىسار ناھىيەسىدىكى يايلاقتا، فۇجيەنلىك فوتوگراف لۇ بەي: «سىز قايسى مىللەتتىن؟» دەپ سورىغاندا، قازاق مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل بالا قانى ئىبراي چۈشەنمىگەندەك قىلىپ: «بىز ئەلۋەتتە جۇڭخۇا مىللىتى! سىز بۇنى بىلمەي قالمايدىغانسىز؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىشلىرى سورالغاندا، ئۇ كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن تەڭلا: «جۇڭگودا تۇغۇلدۇق! جۇڭگولۇق!» دېدى.

سۆزىنى تۈگىتىپلا، قانى يەنە جەنۇبىي فۇجيەن دىيالېكتىكىسىدا «شيامېن بىر ناخشىغا ئوخشايدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. شيامېن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئۇلارنىڭ مەكتىپىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، ھەم ئۈسكۈنىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى، ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتتى، بالىلار بۇ ناخشا ئارقىلىق رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولدى. قانى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي فۇجيەن دىيالېكتىكىسىنى ئۆگىنىش بەك قىيىن، مەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران ئۆگىنەلىدىم. بۇلتۇر ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن شيامېنغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە بارغاندا دېڭىزنى كۆردى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەسلەپ تۇردى: «شيامېن بەك گۈزەل ئىكەن، ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى.»

لۇ بەي چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ سەبىي سۆزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىللە ياشاۋاتقان كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ ھەقىقىي نامايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇنداق سەمىمىيلىك كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەسىرلەندۈرىدۇ.»

قىزغىن سۆيۈش ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىشتۇر.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇيۇقسىز قېلىن قار ياغدى. سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ يېنىدا، بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس قارغا پېتىپ قېلىپ، شوپۇر جىددىيلەشكىنىدىن تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى. «يۈرۈڭلار، ئاپتوبۇسنى ئىتتىرەيلى!» بۇ بىر تەكلىپ بىلەن، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن بىر توپ ئۆسمۈرلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۈچ ئادەم، بەش ئادەم، ئون ئادەم ... ئۇلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، «بىر، ئىككى، بىر، ئىككى» دەپ توۋلىغىنىچە، قارغا پېتىپ قالغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئاستا - ئاستا ئىتتىرىشكە باشلىدى.

ئوقۇغۇچى ئابدۇللا تۇداخۇنباي مۇنداق دېدى: «بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئىتتىرىشتىن بۇرۇن ئىككى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئىتتىرگەنىدىم، بىلىكىمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم، لېكىن ساۋاقداشلارنىڭ توپ - توپ بولۇپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم يەنە ئىللىپ قالدى». ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئىتتىرىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئۈستبېشىدىكى قارنى قېقىشتۇرۇپ كېتىپ قالدى.

ئارقىدىن، «ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئىتتىرگەن ئۆسمۈرلەر»نىڭ سالاھىيىتى جەزىملەشتۈرۈلدى − ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ تەرىپلىشى ئالدىدا، ئوقۇغۇچىلار تارتىنغىنىچە: «ياردەم قىلالىساقلا ياردەم قىلىمىز، بۇ ئەسلىدىنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، بىز ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىمىز» دېدى.

مەشئەلنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش

بەزى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىر دەقىقىلىق ئىش، بەزى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىر ئۆمۈرلۈك ئىش.

«دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ قىزى دۇرخان لاچىن كىچىكىدىن باشلاپ ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان.

2025 - يىللىق مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، ئۇ ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا سەل تارتىنغىنىچە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردى، لېكىن كۆڭلىگە «قونجىراپقا قايتقاندا، دادامغا ئوخشاش چېگرا رايوننى قوغدايمەن» دېگەن بىر قىزغىن ۋەدىنى پۈككەنىدى. ئىنىسى لادىر لاچىنمۇ كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى بىللە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا بۇرۇنلا دېيىشىپ قويغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۇرخان ئارزۇسى بويىچە كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ساقچى فورمىسى كىيىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، «دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداش» شان - شەرىپىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشقا ئىرادە باغلىدى. لادىر ئاچىسىنىڭ ساقچى فورمىسى كىيگەن سۈرىتىنى كارىۋات بېشىغا چاپلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم دادام ۋە ئاچامغا ئوخشاش، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدايمەن.»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۆلەتمەن كەيمىك لاچىننىڭ ياخشى قېرىندىشى، ئۇ مۇنداق دېدى: «چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، بىر مەقسەتتە ھەمدەم بولۇش روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قولىدا كۈچ ئۇلاپ ۋارىسلىق قىلىنىپ، چوقۇم تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ.»

بۇ شىنجاڭلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدە مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش شۇنداق تەبىئىي ئىدى. دۆلەت، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭ سۆزلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تاللاش، ئىختىيارسىز ئېيتىلغان سۆز، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش.

ياخشى تۇپراقتىن ياخشى زىرائەت ئۆسۈپ چىقالايدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى بالىلار دوستانە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى قۇرۇلۇشىدىن 100نى ئالغا سىلجىتىش»نى يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزدى؛ «ئوچۇق - يورۇق بالا» ياش - ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى پائالىيىتى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تۈرلۈك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلار بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى... يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگىچە، ھەربىر كۆيۈنۈش شىنجاڭ تۇپرىقىدا بارغانسېرى زىچ، ئىللىقلىققا تولغان تور ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى قوغدىماقتا.

شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە ۋەتەن پۈكۈلگەن، كۆز ئالدىدا تاغ - دەريالار بار، ئايىغى ئاستىدا ئاتا - بوۋىلىرى بېسىپ ئۆتكەن يول بار، شۇنداقلا ئۆزىگە تەۋە يىراق مەنزىل بار. ئۇلار سەبىيلەرچە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، كىچىك ئالقانلىرى بىلەن ھەيۋەتلىك قىزىل رەڭنى كۆتۈردى، خۇددى بەزى ئۇرۇقلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئاسمانغا تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخكە ئايلىنىشىنى كۈتمىسەكمۇ، تۇپراقنى يېرىپ چىققان ھالىتىدىنلا باھارنى كۆرگەندەك بولدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.