شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.
«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چۈشىنىشىگە، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو ئەمەلىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا قانۇنچىللىق روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلقئارا قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.






