—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدى يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا ئىلھام بەردى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ بوتىڭ، ۋاڭ مىڭيۈ، خۇ لياۋرەن
6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يۈزمىليونلىغان ئۆسمۈر - بالىلار ئۆزلىرىگە تەۋە بايرامنى كۈتۈۋالدى.
زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئۆسمۈر - بالىلىرى ھەم بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، گۇۋاھ بولغۇچىلار، شۇنداقلا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن.
«ئۆسمۈر - بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر - بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، بالىلارغا دوستانە بولغان قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تارىخىي خاراكتېرلىك قەلەم تەۋرىتىش دۆلىتىمىز ئۆسمۈر - بالىلار ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، «ۋەتەننىڭ گۈل غۇنچىلىرى» ئىشەنچكە تولۇپ، پورەكلەپ ئېچىلدى.
ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش −
«تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش كېرەك»
«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «پارتىيە تارىخى، ئىنقىلابىي ھېكايىلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى.
«بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلاردىن «ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈش»نى ئۈمىد قىلدى.
مۇھىم بايراملاردىكى غەمخورلۇق ۋە سېغىنىش، سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش، خەت ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت... باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا كۈرەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى −
بالىلار يازغان «ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش»نى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «تۆت - بەش ياش ۋاقتىمدا ئاپام بالىلار رەسىملىك كىتابچىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ماڭا <ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، يۆ فېينىڭ ئاپىسىنىڭ يۆ فېينىڭ دۈمبىسىگە خەت چېكىشى> دېگەن ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن، مەن <خەت چەكسە ئاغرىمامدۇ؟> دەپ سورىغاندا ئاپام: گەرچە ئاغرىسىمۇ، لېكىن يۆ فېي بۇنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، دېدى، بۇ ئىش ھازىرغىچە يادىمدا. ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانىم.»
«كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىرادە ۋەتەن ۋە خەلق بىلەن باغلانغان بولۇشى كېرەك» دەپ چۈشەندۈردى، «دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى كەلگۈسىدە سىلەر ئىشقا ئاشۇرىسىلەر» دەپ تاپىلىدى، «ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
جانلىق بايان قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلىدى −
2014 - يىلى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدىكى مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق، چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» دەرسى ئۆتۈپ، «ئۆسمۈر - بالىلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، ئۆزىنىڭ يېشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا، تەلەپنى ئەستە تۇتۇشى، قەلبىدە ئۈلگە بولۇشى، ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇشى، ياردەمنى قوبۇل قىلىشى كېرەك»لىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۇرۇقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇردى.
ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى −
2025 - يىلى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، مۇنداق سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى: «پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىققەتنى كوممۇنىزم ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەش كېرەك».
پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر - بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ. چاقناپ تۇرىدىغان پارتىيە بايرىقى ۋە ئەترەت بايرىقى، پارلاق قۇياش نۇرى بالىلارنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن گىرەلىشىپ، دەۋر شان - شەرىپىگە ئورتاق قوشۇلدى.
«پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلاپ، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ بىزدىن ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەش، ياخشى يېتىشتۈرۈشنى مەكتەپتىن باشلاپ تۇتۇش، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر قىزىل ھاكىمىيەتنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ غايە ئاساسى، ئېتىقاد مۇنارىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
مىللەتنىڭ ئۈمىدىگە تىرەك بولۇش −
«بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز»
بىپايان تۇپراق باھار تۈسىگە كىردى، بارلىق شەيئىلەر ئۆسۈپ يېتىلدى. 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتەپ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى تولۇقسىز 1 - يىللىق 2 - سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.
«قانچىڭلار كۆزەينەك تاقايسىلەر؟» «تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىڭلار كاپالەتكە ئىگىمۇ؟» باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، بالىلار خۇشال ھالدا جاۋاب بەردى.
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇل تېشىنى پۇختىلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئادەمنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ياشلىق، ياش - ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ئالتۇن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ».
بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، «بالىلارنى قۇۋۋەتلىك، ساغلام غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى؛ بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسراشتا «پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىش» «ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش»نى تەلەپ قىلدى؛ بالىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە ئەھمىيەت بېرىشتە «دورا كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۆۋەن باھالىق دورا، <جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا>، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ھەم بالىلارنى دورا بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى...
چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت، غەمخورلۇق بىر قاتار ئەتراپلىق، ئەمەلىي يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەگە ئايلاندى.
«جۇڭگو بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» تۈزۈلۈپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، بالىلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تۇرغۇزۇلدى؛ «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2024 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» بېسىپ تارقىتىلىپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئەلا مائارىپ ئېكولوگىيەسى كۈچەپ بەرپا قىلىندى... ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي رامكىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق خىزمەتكە ئايلاندى.
«قەلب سۈزۈك ئاسمىنى»نى يورۇتۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 17 تارماق بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى ۋە ياخشىلىدى؛
«ساغلاملىق مۇداپىئە سېپى»نى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 13 تارماق بىرلىكتە «بەش ساغلام بولۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆستۈردى؛
«يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى قوغداش ئۈچۈن، مەكتەپ تاماق سەپلەش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۇنجى دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى ئۆلچەملەشكەن يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى؛
...
يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ھەمكارلىشىپ كۈچىدى، «ساغلاملىق بىرىنچى» ئىدىيەسى ئۆسمۈر - بالىلارغا جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش زەنجىرىنىڭ زىچ باغلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەربىر سەبىي قەلبنى نۇرلاندۇردى.
ۋۇلىڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چۇڭچىڭ شىجۇ ناھىيەسى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، كاۋچۇك يۈگۈرۈش يولى، پۇتبول مەيدانى، پەن - تېخنىكا سارىيى، ئۆلچەملەشكەن ياتاق ۋە ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، 5G دەرسخانىسى بالىلارنى 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى − بۇ جاي تۈمەنلىگەن تاغلىق رايون باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى يورۇتماقتا، بۇ دەل «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى «مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
«قۇياش نۇرى چۈشمىگەن جايدىمۇ مۇخ ئۆسۈملۈكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. تەيخۇا گۈللىرى كىچىك بولسىمۇ مودەنگۈلدەك ئېچىلىشقا ئىنتىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، ھەربىر بالا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۈمىد... مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى مائارىپقا قارىتىلغان دىققەت - نەزەرنى «تام تۈۋىدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان تەيخۇا گۈللىرىگە تېخىمۇ كۆپرەك ئاغدۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
«شەھەرلەر يېزىلارنى يېتەكلەيدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىش» «رايونلار، شەھەر - يېزىلارنىڭ رەقەملىك پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش» «يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ يېزىلاردىكى ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»...
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» ئارقىلىق ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار تولۇقلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2895 ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى... يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى.
بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشى پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئورتاق بولغان تېما.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتكۈل جەمئىيەت ئۆسمۈر - بالىلارنى چۈشىنىشى، ئۆسمۈر - بالىلارنى ھۆرمەتلىشى، ئۆسمۈر - بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆسمۈر - بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىشى، ئۆسمۈر - بالىلارغا ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك».
باش يازدىكى گۇيجوۋنىڭ چيەندۇڭنەندە قاتمۇقات تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. يېقىندا جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «پەرىشتىلەر سەپىرى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرى لىپىڭ ناھىيەسىگە كىرىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ «يۈرىكى»نى داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇپ - ياردەم بېرىپ، بالىلارغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.
ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ كارخانىلار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بۇرچىنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈردى، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلار كىچىك ياخشى ئىش - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئىللىق تور بەرپا قىلدى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مۇزېي، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى ئۆسمۈر - بالىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىلىرى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلدى، توردا ئادەم تەربىيەلەش بوشلۇقى ۋە بازىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى...
ھەركىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق كۈچىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتكۈل جەمئىيەت تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بالىلارنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەت ۋە تېخىمۇ زور ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش −
«گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ»
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ چاڭپىڭ رايونى بەيشەن بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پىيونېرلار بىلەن بىللە گۈرجەكتە توپا ئۇستى، ئوڭشاپ قىر چىقاردى، سۇ ئەكىلىپ سۇغاردى.
بارلىق شەيئىلەر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەسىلدە، يېشىللىق ئۈمىدىنى چاچتى.
«سىلەر ھازىر كىچىك كۆچەت، ئەخلاق - پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش مول ئوزۇقلۇققا، مۇنبەت تۇپراققا ئېھتىياجلىق، مۇشۇنداق بولغاندىلا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيسىلەر.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى، ئۈمىدى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنى يورۇتتى.
يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر - بالىلار دۆلەتنى قەلبىگە پۈكتى، قىزىل قەلبى پارتىيەگە تەلپۈندى.
شەنشى يەنئەندىكى لۇيى مەدەنىيەت مەركىزىدە بىر ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش ئەترىتى جانلانماقتا. ئوتتۇرىچە يېشى ئون نەچچە ياش بولغان بالىلار سۈزۈك ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاۋازى بىلەن بۆلەك - بۆلەك قىزىل تارىخنى جانلىق بايان قىلدى. پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ بۇ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرى يەنئەن روھىنى تارقىتىشتىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قىزىل مەنزىرە رايونى، مەدەنىيەت مۇزېي مەيدان - سارايلىرىدا بۇنداق سىيمالارنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.
كىچىكىدىن باشلاپ قىزىل مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالدى، پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى، دەۋرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى، دۆلەت مۇھەببىتى بۇرۇنلا يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئېنىق سالاھىيەت تونۇشى، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىش، شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ماس قەدەمدە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت چوڭقۇر مەنىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يېڭى دەۋردە ئۆسمۈر - بالىلار ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتتى، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلدى.
بېيجىڭ چاۋياڭ رايونى شيۇجۈيۈەن مەھەللىسىدە مەھەللىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن پىيونېرلار ئەترىتى «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كېڭىشىش ئۆمىكى» بار، ئۇلار بالىلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە بىر قىسىم پىيادىلەر سىزىقى يول بۆلىكىدە ئادەم بىلەن ئاپتوموبىل ئارىلىشىپ مېڭىش، ئەگىلىدىغان جايدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋېلىش قاتارلىق يول يۈزىدىكى «يوشۇرۇن كىرىزىس»نى بايقاپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قولدا سىزغان «بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى خەرىتىسى»نى مەھەللىنىڭ كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش سۇپىسىغا تاپشۇرۇپ، مەھەللە مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بالىلىق ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.
قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ مىڭ چاقىرىم يولنى باسقىلى بولىدۇ؛ توپا يۆلەپ ئېگىز سۇپا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
ساۋاقداشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئىشتىن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قىزغىنلىققىچە؛ ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇش، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت قوغداشنى كۈندە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، مەدەنىي، ئەدەپلىك بولغان ئاڭلىق تەربىيەلىنىشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بالىلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئەتراپىدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.
يېڭى دەۋردە ئۆسمۈر - بالىلار ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە تاياندى، دوستانە - سىغدۇرۇشچان بولدى.
2026 - يىلى 3 - ئايدا، 10 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر چامباشچىلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 78 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 666 نەپەر ياش - ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى چامباشچىلىق ئارقىلىق دوستلاشتى، ماھارەت كۆرسىتىپ مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، جۇڭگو كىچىك ماھىرلىرى مەردانە، ئۆزىگە ئىشىنىپ، تەمكىن قىياپەت بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلارغا جۇڭگونىڭ مەززىلىك تائاملىرى، خەتتاتلىق، گۇمپا كىنولىرى قاتارلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.
«دۇنياغا بىمالال نەزەر سالىدىغان بولدى»، دۆلىتىمىز كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سىڭىشىپ، كەڭ ئۆسمۈر - بالىلار تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەلچىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.
يېڭى دەۋردە ئۆسمۈر - بالىلار باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلدى.
«ئاقىل دەرەخ كامېرى» بەرپا قىلىپ قەلب ساداسىنى ئىزھار قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ساليۇت ئىجاد قىلىپ، قول ئىشارىتى بىلەن «ساليۇت كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈش، «توخۇ بىلەن توشقاننى بىر قەپەسكە سولاش» تەتقىقات ئۈسكۈنىسى ياساپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈش... 2025 - يىللىق خاڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەن - تېخنىكا بايرىمى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىجادىيىتى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، بالىلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىجادىيلىققا باي، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە ھەمتۈرتكىلىككە ئىگە ئەسەرلەرنى تاماملاپ، ئىجاد قىلىش خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، دەۋر ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ياخشى دەۋرگە توغرا كەلگەن ئۆسمۈرلەر تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەتكە ئىگە بولدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ يېڭى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە توغرا كەلدى. ئۆگىنىشتە ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىپ، ھارماي - تالماي ئۆگەندى؛ ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئۇلار دادىل ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئۇلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تىرىشىش، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كۈرەش قىلىش، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى چېنىقتۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش كۈچىنى توپلاپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا.
«بۈگۈن ۋەتەننىڭ ياخشى بالىلىرىدىن بولۇڭلار، ئەتە ۋەتەننىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇڭلار، گۈزەل تۇرمۇش سىلەرگە مەنسۇپ، گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ».
تاپشۇرۇق كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، ئۆسمۈرلەر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
پارتىيە ۋە خەلقنىڭ زور ئۈمىدى، ئارزۇسىنى زىممىگە ئېلىپ، كەڭ ئۆسمۈر - بالىلار كىشىلىك ھاياتىدىكى كۈرەش مۇساپىسىنى باشلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى كۈچ قوشماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)






