شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى
قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈش كېرەك
پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى
جاۋاب خەت
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە:
خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەرنىڭ 1 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان جاي ۋە نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە يېنىدا پارتىيە تارىخى، ئىنقىلابىي ھېكايىلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئېرىشكەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىڭلارنى ئاشۇرۇپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن!
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ 1 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان جاي ۋە نەنخۇ كۆلى قىزىل كېمىسى يېنىدا پارتىيە تارىخى، ئىنقىلابىي ھېكايىلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئېرىشكەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2021 - يىلى «پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى مەن سۆزلەي − تىرىشىپ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى بولۇش» ئەمەلىي ھېس قىلىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، ھەرقايسى جايلار پىيونېرلارنى قىزىل مەيدان - سارايلارغا كىرىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە، پارتىيەنىڭ ھېكايىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللىدى. يېقىندا، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىكى پىيونېرلار ئەترىتى قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلەر ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھاسىلاتلىرى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى دوكلات قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.






