تەكلىماكان قۇملۇقىدا تاشيوللار «ھالاكەت دېڭىزى»نى كېسىپ ئۆتۈپ ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بەش قۇملۇق تاشيولى قۇملۇق يول تورىنى شەكىللەندۈردى، 1995-يىلى قاتناش باشلانغان بۈگۈر-نىيە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 522 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆچمە قۇملۇق تاشيولى ھېسابلىنىدۇ. نەچچە لىنىيە قۇم دېڭىزىنى بىۋاسىتە كېسىپ ئۆتۈپ، ئايلىنىپ مېڭىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپلا قالماي، رايونلار ئارا بېرىش-كېلىش ئالاقىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى. يول بويىدىكى ئوت كاتەكچىسى بىلەن ئىھاتە ئورمان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ يولنى قوغدىدى، قىسمەن يول بۆلەكلىرى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق سۇغىرىشنى قوشۇمچە قىلدى، بۇ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى راۋان يولغا ئايلاندى.

ئارال-خوتەن قۇملۇق تاشيولى (ئاقسۇ-خوتەن قۇملۇق تاشيولى).
شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

تارىم قۇملۇق تاشيولى.
ۋاڭ شۇەنبىن فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى بۆلىكى.
چۆ . خۇرە فوتوسى

ئاپتوموبىللار توغراقلىق بىلەن قورشالغان تارىم قۇملۇق تاشيولىدا كېتىۋاتماقتا.
تيەن گوجيەن فوتوسى

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكىنىڭ كاربونسىز قۇملۇق تاشيولى.
لى شيۇڭشىن فوتوسى

ئاپتوموبىللار لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگىچە بولغان قۇملۇق تاشيولى (لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولى)دىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە كېتىۋاتماقتا.
چۆ . خۇرە فوتوسى

لوپنۇر-چەرچەن (لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگىچە بولغان) قۇملۇق تاشيولى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە سۈرەتكە تارتىلغان سۇلۇق يەردىكى توغراقلىق.
چۆ . خۇرە فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن لوپنۇر-چەرچەن (لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگىچە) تاشيولى.
خەن لياڭ فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن لوپنۇر-چەرچەن (لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگىچە) تاشيولى.
خەن لياڭ فوتوسى

باغراش كۆلىنى ئايلانغان تاشيولدا، قۇم سۇنى، سۇ قۇمنى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان «قۇملۇقتىكى غەربىي دېڭىز»نىڭ ئالاھىدە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
نيەن لېي فوتوسى
«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






