5-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كىلىمات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە: مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئايدا پۈتۈن شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئازراق يۇقىراراق ياكى سەل يۇقىرى بولىدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئازراق بولىدىكەن، تۆت قېتىم كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانى ۋە كۆپ قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى ئاپتونوم رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تېمپېراتۇرا جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئايدا ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى دەريا ۋادىسى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېمپېراتۇرا ℃1.1تىن ℃1.6قىچە سەل يۇقىرى بولىدىكەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدە ℃0.5تىن ℃0.9قىچە سەل يۇقىرى بولىدىكەن.
ھۆل-يېغىن جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن %20تىن %50كىچە كۆپ بولىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا %20تىن %50كىچە ئاز بولىدىكەن ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆل-يېغىن بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، ئىلى دەريا ۋادىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا 20 مىللىمېتىردىن 100 مىللىمېتىرغىچە ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى 80 مىللىمېتىردىن ئاشىدىكەن؛ تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى بەش مىللىمېتىردىن ئاز بولىدىكەن ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆل-يىغىن بولمايدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئايدا شىنجاڭ ئاساسلىقى تۆت قېتىم كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، بۇ ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى، كېيىنكى يېرىمىنىڭ كىيىنكى مەزگىلى، ئاي ئوتتۇرىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە كېيىنكى يېرىمىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە كۆرۈلىدىكەن، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىردەك ئوتتۇراھال ئاجىز بولىدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئىككى قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئالدىنقى ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىيىنكى مەزگىلىدە كۆرۈلىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا بىر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلىدىكەن، بۇ، ئاي ئوتتۇرىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كىلىمات مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 6-ئايدا ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرماما، بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايىغا نىسبەتەن، قىسمەن جايلاردا كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان تاغ كەلكۈنى ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، ساياھەت ۋە قاتناش لىنىيەلىرى ھەم نۇقتىلىق ئېقىن-رايونلاردا بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، يامغۇر ئاز يېغىپ، ئاشلىق، پاختا ۋە خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىسسىق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئورمان، يايلاقلاردا ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىد ئەگىز كەلكۈنى كېلىش ئېھتىمالى ئاشىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار، تۇرپان شەھىرى ۋە قۇمۇل شەھىرىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى پائالىيىتى، يېڭى ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە قاتناش، سەپەرگە چىقىشقا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىردىن پائال ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.






