ئۇرۇقلۇقتىن گىرىم بۇيۇمىغىچە
چوڭ تىپتىكى چۈچۈكبۇيا كەسپى بازىسى مارالبېشىغا ماكانلاشتى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن مىن
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى قازانتاپتى كەنتىگە كىرگەندە، دېھقان غېنى تۇرسۇن ئېتىزدا چۈچۈكبۇيا پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. «مەن خوتۇنۇم بىلەن 200 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيا بازىسىدا پەرۋىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز، بۇنىڭغا باشقا تېرىلغۇ يەرلەردىن قىلىنغان كىرىمنى قوشقاندا، ئىككىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى غېنى كۈلۈپ تۇرۇپ.
غېنى دەۋاتقان بازا مارالبېشى ناھىيەسى چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيا بىرلەشمە تېرىقچىلىق بازىسى، بۇنى ئەيمېيكې تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو تېببىي دورا - ساغلاملىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قۇرغان.
«چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيا پۈتۈنلەي سېرىق رەڭدە، سىرتقى پوستىنىڭ سىزىقچىلىرى توم، دورىلىق قىممىتى ۋە ئاكتىپ تەركىبلەرنىڭ مىقدارى ئىنتايىن گەۋدىلىك، باش تېرىسىنى ئاسراش ھەم گىرىم بۇيۇملىرى - تېرە ئاسراش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ئەيمېيكې تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى چاچ - تېرە ساغلاملىق ئىلمى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ياچىن.
بۇ بازا ماشىنىدا قېزىش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق قوغداش خاراكتېرلىك قېزىشنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، چوڭ ئۇرۇقلۇق ياۋا چۈچۈكبۇيىغا قارىتا ئادەم كۈچى ئارقىلىق بۆلەك رايونغا ئايرىش، نورمىلىق، قەرەللىك يىغىشنى يولغا قويۇپ، ياۋا چۈچۈكبۇيا بايلىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، يىلتىز غولى 40 كۈن ئەتراپىدا تەبىئىي قۇرۇتۇلۇپ، ئاندىن دەسلەپكى پىششىقلاش ھالقىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ چۈچۈكبۇيا غولى ۋە يوپۇرمىقى ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك ماتېرىيالى قىلىپ پىششىقلىنىپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش، رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مارالبېشى ناھىيەسى نېمە ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى چۈچۈكبۇيا كەسپى بازىسىنى ماكانلاشتۇرالىدى؟
بۇ بازىنىڭ مەسئۇلى لو جياڭجۈن بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: مارالبېشىدا ياۋا چۈچۈكبۇيا بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى مول، بۇ جايدىكى چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىب مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يورۇقلۇق، تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتى يۇقىرى سۈپەتلىك چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
جۇڭگو تېببىي دورا - ساغلاملىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ تىيانشان دورىگەرلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتى دورا دەرىجىسىدىكى پىشىپ يېتىلگەن سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسىنى چۈچۈكبۇيا ئۆستۈرۈش، يىغىش، ئايرىپ ئېلىش، سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، خام ئەشيا بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مەنبەدىن مۇستەھكەملەپ، سۈپەتنىڭ مۇقىم، تەمىناتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈردى. بېيجىڭدىن كەلگەن ئەيمېيكې تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى بۇ ئىككى كارخانىنىڭ «گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن دورا بۇيۇملىرى مەنبەداش بولۇش» مۇسابىقە يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشىدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنى جايلاشتۇرۇشىدىكى يېپيېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە، بۇ بازىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1817 موغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتباغ يېزىسىدا 217 مو سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيا بۆلەك رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ؛ سېرىقبۇيا بازىرىدا 1600 مو يەردىكى چوڭ ئۇرۇقلۇق ياۋا چۈچۈكبۇيا قوغداش رايونى بېكىتىلىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ يىغىش، قوغداش يولغا قويۇلدى. بۆلەك رايون سىرتىدا ئۇرال چۈچۈكبۇيىسى، گۇاڭگو چۈچۈكبۇيىسى قاتارلىق سورتلار كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، كۆپ تۈرلۈك، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان چۈچۈكبۇيا كەسپى بويىچە تېرىقچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شەكىللەندۈرۈلدى.
«بازا پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى» دېدى لو جياڭجۈن. بۇ بازا پەرۋىشنى سىرتقا ھۆددە بېرىش، زاكازلىق ھەمكارلىق، يېقىن ئەتراپتا ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆستۈرۈش، ئېتىز پەرۋىشى، يىغىش، دەسلەپكى پىششىقلاشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاپلاپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۇزاق ئۈنۈملۈك كىرىم ئاشۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.
كېيىنكى قەدەمدە، بۇ بازا تەخمىنەن 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو كېلىدىغان ئۆلچەملەشكەن ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇت ئۆيىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، چوڭ ئۇرۇقلۇق چۈچۈكبۇيىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئۆز جايىدا ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. كەلگۈسىدە يەنە «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا مايسا، تېخنىكا، كاپالەتلىك باھادا سېتىۋېلىش قاتارلىق مەدەت بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، سىجىل تۈردە ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زورايتىپ، خاس چۈچۈكبۇيا كەسپىنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى تۈۋرۈككە ئايلاندۇرىدۇ.






