□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چاۋ
«ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا بېرىپ، ئۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققۇم بار.» مۇشۇنداق ئوي بولغاچقا، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسى لى شياڭخۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، جياڭشىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە يىلتىز تارتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ تېخنىكا دەرسخانىسىنى قوي - كالا قوتىنىنىڭ يېنىغا كۆچۈرۈپ، ئاممىغا يېقىن تېخنىكا يېتەكچىلىكى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ باقمىچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، قوي - كالىلارنى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مونەك»كە ئايلاندۇردى.
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، لى شياڭخۇڭ تەشكىللەپ ئىلتىماس قىلغان ھەم يولغا قويغان چارۋىچىلىقتىكى «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەپ» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلىرى پىلانى تۈرى ئوڭۇشلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. تۈر ئىلتىماس قىلىشتىن ئەمەلىيلىشىشكىچە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى يىلغا يېقىن ئالدىراش ئىشلىدى، ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا يىلتىز تارتقاندىكى كۈندىلىك خىزمەتلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قېلىن ماتېرىيالىغا خاتىرىلەنگەنىدى. «مېنىڭ ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلغۇم بار» دېدى ئۇ.
2023 - يىلى 5 - ئايدا، جياڭشى ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتقان لى شياڭخۇڭ ئاقتۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىگە كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇ ئىككى جاينىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى، جياڭشىدا كارخانىلارنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ قوتاندا بېقىشى ئاساس قىلىناتتى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش كارخانىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللاشتۇرۇلاتتى، ھالبۇكى ئاقتۇ ناھىيەسى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنئەنىۋى يايلىتىپ بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىناتتى، چارۋىچىلىق رايونلىرى چەت - يىراقتا ئىدى، چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەڭ يىراقتىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئاپتوموبىل بىلەن ئون نەچچە سائەتتە ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى.
«مەن ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەيمەن، كالا قوتىنى، قوي قوتىنىغا كىرگەندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ» دېدى لى شياڭخۇڭ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى 12 يېزا - بازارنى ئايلىنىپ چىقىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى. ھەر قېتىم يېزىغا بارغاندا، ئۇ قوي - كالا قوتىنىغا كىرىپ تەكشۈرۈپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى خاتىرىلەپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن چارۋىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئىگىلەشنى ئۆگەتتى.
چارۋىچى غوپۇر ھەسەن ئائىلىسى 50 - 40 قوي باققان بولۇپ، تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈن بولغان قوزىلار دەس تۇرالمايدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلەتتى. لى شياڭخۇڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قوتانغا كىرىپ تەپسىلىي تەكشۈردى، يەنە پات - پات بېشىنى كۆتۈرۈپ بىرنەچچە ئېغىز گەپ سورىدى. «كالتسىي كەمچىل ئىكەن، ساغلىق بوغاز بولغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەپتۇ» دېدى ئۇ غوپۇرغا. ئارقىدىن ئۇ غوپۇرنىڭ قويلارغا كالتسىينى قانداق تولۇقلىشى، مىكرو ئېلېمېنتلارنى قانداق تولۇقلىشى، ئوزۇقلۇقنى قانداق كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
قوزىلارغا كالتسىي تولۇقلاشتىن يەم - خەشەكتە ئوزۇقلۇقنى ماسلاشتۇرۇشقىچە، قوتان تازىلىقى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن يەنە قوي نەسلىنى ياخشىلاشقىچە، لى شياڭخۇڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى غوپۇرغا قولمۇقول ئۆگەتتى. غوپۇر لى شياڭخۇڭ ئۆگەتكەن باقمىچىلىق ئۇسۇلى بويىچە، ساغلىقلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلىدى، يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ تەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ ئۆستى. كېيىن لى شياڭخۇڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتا بارغاندا، غوپۇر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھازىر ئىلىم - پەنگە تايىنىۋاتىمىز. سىز كەلگەچكە، مەن قوي بېقىشتا ئىشەنچكە تولدۇم.»
ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك كەمچىل بولۇش چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان «گالنى بوغىدىغان» مەسىلە ئىدى. قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لى شياڭخۇڭ ئىمپورت قىلىنغان سۆسۈن چېچەكلىك بېدە سورتىدىن بەش خىلنى كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى بىر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئېتىزىدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، «يەرنى ئاغدۇرماي بىۋاسىتە تېرىش + قەرەللىك سۇغىرىش» تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويدى.
ھازىر، بېدىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بېدە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قوي - كالىلارنىڭ قىش پەسىللىك يەم - خەشىكىدىكى كەمتۈكلۈك زور دەرىجىدە تولۇقلىنىپ، باقمىچىلىق تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قان بېرىش» ئەمەس، بەلكى ئېلىپ كەتمەيدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش. ئۈچ يىلدىن بۇيان، لى شياڭخۇڭ ئۇستاز شاگىرت تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، باقمىچىلىق بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تايانچلىرىنى يېتىشتۈردى. ئۇ تۈرلۈك تەربىيەلەشنى دائىملىق قانات يايدۇردى، ئېتىز باشلىرىدا، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىي قاتلامدىكى تېخنىكلار، دېھقان - چارۋىچىلار، كەنت كادىرلىرىنى نەچچە يۈز ئادەم قېتىم قاپلىدى. ئۇ يەنە باشلامچىلىق بىلەن شۇ جايدىكى بەش نەپەر چارۋىچىلىق تېخنىكىنى تاللاپ جياڭشىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنى تەكشۈرۈش، باقمىچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.
«ماڭا بىر پارچە تۇپراق بولسىلا، مەن يىلتىز تارتىپ ئۆسىمەن.» لى شياڭخۇڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭ پەقەت ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تېخنىكىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگۈم بار.






