تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن جىڭخۇا) 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 2026 - يىللىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى، 291 پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى ۋە توققۇز كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، سۇڭلياۋ پېندى خەلقئارا چوڭ قۇرۇقلۇق ئىلمىي بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قاتارلىق توققۇز كوللېكتىپ 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مېدالىغا ئېرىشتى؛ نەنجىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى داشۆسىدىكى ۋاڭ خۇيجۈن قاتارلىق 29 كىشى 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش مېدالىغا ئېرىشتى ھەم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى؛ شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى رېنجى دوختۇرخانىسىدىكى بۇ جۈن قاتارلىق 262 كىشى 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى قاتاردا مېڭىش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى.

جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ تەبرىك سۆزىدە كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بۇرچى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، «0دىن 1گىچە» بولغان بۆسۈش ۋە «ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىش» نەتىجىسى ئارقىلىق، دۇنياغا جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يۈكسەك ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى جاكارلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە «پېشقەدەم ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئۆسۈپ يېتىلىش ماتېرىيالىنى يىغىش قۇرۇلۇشى» بويىچە يېڭى بىر تۈركۈم ماتېرىيالنى ساقلاشقا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا ھەمبەھرىلەش ياكى سىنلىق ئۇلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەن تەتقىقات ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى پائالىيىتى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئالىملار مۇزېيى يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى، بۇ، يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈۋرۈكى − جۇڭگو ئالىملار مۇزېيىدا ساقلانغان ئېسىل بۇيۇملار كۆرگەزمىسى»، يېڭىدىن پىلانلانغان «يول باشلاش . نۇرغا ئىنتىلىش − ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» «بىر ئۆمۈر، بىر ئىش، بىر فاڭجوۋ − <خەلق ئالىمى> گۇ فاڭجوۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆرگەزمىسى» «يەنئەن مەزگىلىدىكى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى پەن - تېخنىكا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى مەخسۇس كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، باش تېمىسى «<15 - بەش يىل>دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ پەن - تېخنىكىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈش»تىن ئىبارەت. پائالىيەت مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەت، يەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پائالىيەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم - پەننى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.