تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكىلەر بەختكە چۆمۈپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شىخەن

«ئاكا، تۈز تۇرۇڭ، ھەدە، ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىپ كۈلۈمسىرەڭ، ناھايىتى روھلۇق تۇردۇڭلار!» 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى كىچىك لەڭگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى كېرەم ئابلىزنىڭ ئۆيى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن كىچىك لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ لىن سەۋرچانلىق بىلەن ياشانغانلارنىڭ تۇرۇش ھالىتىنى تەڭشەپ، قىزىق گەپلىرى بىلەن ياشانغانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، فوتو ئاپپارات بىلەن بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.

بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆپچىلىكنىڭ يۇرتىغا قايتىپ خۇشال جەم بولۇشىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى فوتو ئاپپارات، بايراملىق كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت ۋە گۈللەرنى ئېلىپ، ئۆيلەرگە بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز خاتىرە سۈرەت، ئائىلە ئوپچە سۈرىتى تارتىپ قويدى.

كېرەم خوتۇنى بىلەن ھەمدەم بولۇپ، ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىغا 42 يىل بولدى، ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، توي قىلغاندا تويلۇق سۈرەتكە چۈشەلمەي، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغانىدى. «ئىلگىرى شارائىت يوق ئىدى، كېيىن يەنە پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئىزچىل تويلۇق سۈرەتكە تولۇقلاپ چۈشەلمىگەنىدۇق. بۈگۈن خىزمەت ئەترىتى مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم» دېدى سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كېرەم خۇشال ھالدا.

كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل ئابدۇرېھىم ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى ئوخشاشلا كىشىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

«ئادەتتە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ ھەمىشە تولۇق يىغىلىپ بولالماي، ئىزچىل ئائىلە ئوپچە سۈرىتىگە چۈشۈشكە پۇرسەت بولمىغانىدى. بۈگۈن ھەممەيلەن تولۇق جەم بولۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۆيلەرگە بېرىپ سۈرەتكە تارتىشىغا دەل ئۈلگۈردۇق، ئاخىر ئائىلە ئوپچە سۈرىتىگە چۈشتۇق» دېدى رىزۋانگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

رىزۋانگۈلنىڭ قىزى سۈرەييە ئېزىزمۇ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم قىلىپ تارتىپ قويغان بۇ ئائىلە ئوپچە سۈرىتىدە، قالدۇرۇلغىنى جەم بولۇش كۆرۈنۈشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قويۇق دوستلۇق مېھرى ۋە ئەڭ قىممەتلىك خاتىرە. خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ پائالىيىتى بەك ياخشى بولدى، كۆپچىلىكنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.»

كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى ئابلا بىلەن قوشنىسى يۈ جاۋخۇي 15 يىلدىن بۇيان ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كەلدى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت چوڭقۇر ئىدى. شۇ كۈنى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.

«بىز ئون نەچچە يىل قوشنا بولدۇق، خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئۆتتۇق، كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق، ھەر قېتىملىق ھېيت - بايراملاردا يەنە ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلىپ، خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولىمىز. بۇ ئوپچە سۈرەتنى مەن بەك ياخشى كۆردۈم» دېدى ئابدۇغېنى. ئىللىق ئوپچە سۈرەتكە ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سەمىمىي ھەم چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ يەنە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دوستانە، ئىناق ئۆتكەنلىكى، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولغانلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى.

كەنت ئاھالىسى خەيرىنساخان ئاسىم ئائىلە ئوپچە سۈرىتىگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بىر پارچە ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى. «ئىلگىرىكى يىللاردا، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. بۇ ئوپچە سۈرەتنى ياخشى ساقلايمەن، مەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھېكايىلىرىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارغا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىمەن» دېدى خەيرىنساخان.

كىچىككىنە سۈرەتكە قېرىنداشلىق مېھرى، قوشنىدارچىلىق مېھرى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مېھرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا بۇ سۈرەت قەلبلەرنى مۇجەسسەملىگەن. كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كىچىك لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ جىمىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوتو سۈرەت پائالىيىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، ئائىلە ئىللىقلىقىنى مۇجەسسەملىدى، شۇنداقلا ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈردى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.