تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭدىكى كەچلىك بازارلاردا «قىزغىنلىق» تولۇپ تاشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەچلىك بازارلاردا چىراغلار چاقناپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ناھايىتى مول بولدى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ناخشا - ئۇسسۇللىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قالتىس نامايان قىلىندى... ھەممە جايدا كېچىلىك ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شوئار كوچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كوچىلاردا ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى. ئاۋۇدەن شىنجاڭ قورۇمىلىرى . چاي - تائاملىرى ئاشخانىسىنىڭ ئالدى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن مەززىلىك تائاملارنى ساقلىغاچ، بىر تەرەپتىن ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ئارتىسلار رىتىمغا ئەگىشىپ، شوخ ئۇسسۇل ئوينىدى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە ئاشخانىمىزدا مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئاشپەزلەر ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.» ئاۋۇدەن شىنجاڭ قورۇمىلىرى . چاي - تائاملىرى ئاشخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى خەي لىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىشىك ئالدىدىكى خېرىدارلار تاماق يەيدىغان جاينى ئالايىتەن ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلاش رايونى قىلىپ ئۆزگەرتتۇق، ئىستېمال قىلمىسىمۇ ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرسە بولىدۇ، مۇلازىمەتچىلەر يەنە ھەقسىز ئىسسىق چاي ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئىللىق مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدۇق.

ئاقسۇ كونا كوچا كەچلىك بازىرىمۇ ئوخشاشلا خۇشال كۈلكە - چاقچاق ئاۋازىغا تولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بەس - بەستە داكا قىلىدىغان ئاۋات يەر بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇ كەچلىك بازاردا نۆۋەتتە جەمئىي 120 تىجارەتچى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت سوممىسى سىجىل ئېشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خېرىدار مىقدارى 5000 ئادەم قېتىم ئەتراپىدا مۇقىم بولۇپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى.

«كۆپ خىل مەززىلىك تائاملارنى تاللاش، قويۇق خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى يادرولۇق ئەۋزەللىك.» ئاقسۇ مېيلى ساياھەت يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى رېن چاۋجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كەچلىك بازار باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ كېچىلىك ئىقتىسادىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

«چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» بۇرچىندا، كېچىلىك ئىستېمال كۆرۈنۈشىنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆستى. بۇ جاي تۆت پەسىل مەززىلىك تائاملار مەيدانى، جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ - ئادەت كوچىسى قاتارلىق رايونلارغا تايىنىپ، مەززىلىك تائام، ئىستىراھەت، مال سېتىۋېلىش، مەدەنىيەت كۆرىكى بىر گەۋدىلەشكەن كېچىلىك ئىقتىساد توپلانما رايونى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ھەر تەرەپلىمە قاندۇردى. پاڭشوۋ كاۋاپخانىسىنىڭ دۇكان ئىگىسى ما جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۇكىنىمىز سوغۇق سۇ بېلىقلىرى تۈرىدە «بىر بېلىقنى بەش خىل يېيىش» قاتارلىق خاس قورۇمىلارنى چىقاردى، يەنە ھەقسىز تەمىنلەيدىغان فېنتاڭ، پوشكال، قوي قوۋۇرغىسى كاۋىپى، سامسا قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىمۇ تولۇق بولۇپ، كۈندە خېرىدارلار ئۈزۈلمەيدۇ.

«بۇ جايدىكى كاۋاپلارنىڭ تەمى ئىنتايىن تەملىك ئىكەن، بىز بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قويۇق مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇق» دېدى شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ساياھەتچى تاڭ ۋېنبىن.

شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كەچلىك بازاردىكى ئەڭ جەلپكار نومۇرغا ئايلاندى، مۇسابىقە بېلىتى سېتىۋالالمىغان توپ مەستانىلىرى كەچلىك بازاردا «ئىككىنچى نەق مەيدان»نى تاپتى، كاۋاپ يېدى، پىۋا ئىچتى، مۇسابىقە كۆردى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

«نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە توپ مەستانىسى شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى، سودىمىز ئوبدانلا ياخشى بولۇپ كەتتى. كېيىنكى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بىز مۇسابىقىنى كۆرسىتىپ، توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى ساۋەن شەھىرى مەدەنىيەت مەيدانى كەچلىك بازىرىدا كاۋاپ يايمىسى تىجارىتى قىلىدىغان ۋاڭ ياخۇ.

خوتەن ناھىيەسى بەيخې بازىرىدىكى ۋۇكېسۇڭ كەچلىك بازىرىدىمۇ چوڭ ئېكراندىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كۆرسىتىلدى، ھەر مىللەت ئامما مۇسابىقە كۆرۈپ مەدەت بەردى، قاينام - تاشقىن كەيپىيات بىلەن مۇسابىقە ھاياجىنى مۇكەممەل يۇغۇرۇلدى. ئائىلە بويىچە سىرتقا چىققان شەھەر ئاھالىلىرى، ھەمراھ بولۇشۇپ مۇسابىقە كۆرگەن ياشلار، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشانغانلار مەززىلىك تائاملارنى يېگەچ بىرلىكتە پۇتبول كوماندىلىرىغا مەدەت بېرىپ ئالقىش ياڭراتتى. «كەچلىك بازاردا كۆپچىلىك بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرۈش ئۆزۈم ئۆيدە كۆرگەندىن كۆپ مەنىلىك بولدى، ھەر قېتىملىق پاس بېرىش، ھەر قېتىملىق ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى» دېدى بەيخې بازىرىدىكى ياش رەخىمە ئابدۇخالىق ھاياجانلانغان ھالدا.

مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى تارىدى، ناخشا - ئۇسسۇل سادالىرى ياڭرىدى، مۇسابىقە كەيپىياتنى جانلاندى، كەچلىك بازاردا ئەۋج ئالغان قاينام - تاشقىنلىق دەل شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ جانلىق تەسۋىرى.

(مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ تو، جاڭ بىڭ، تىلەك مەمەتجان، مەمەتئېلى ئاتاۋۇللا)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.