—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ جې، ۋېن جىڭخۇا، ليۇ جېن
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك.
ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن چوڭقۇر دېڭىزنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە، ماددىنىڭ مەنبەسىدىن ھاياتلىقنىڭ سىرىغىچە، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئېنېرگىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە... 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنزىرىسى جۇڭگو زېمىنىدا نامايان قىلىندى.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش
گۇيجوۋ پىڭتاڭ، قاتمۇقات يېشىل تاغلار، «جۇڭگو تيەنيەن» FAST ئاسمانغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن جىمجىت نەزەر سېلىپ تۇراتتى، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم تەكرار تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنىنىڭ فارادى تولغىنىش مىقدارىدا كۈچلۈك ئاتلاپ كېتىش ھەم ئارقىدىنلا تۆۋەنلەش ھادىسىسى يۈزبېرىشىگە ھۆكۈم قىلىپ، تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنىنىڭ قوش يۇلتۇزدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئاچقۇچلۇق ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى؛
گۇاڭدۇڭ جياڭمېن، يەر ئاستىدىكى 700 مېتىر كېلىدىغان جايدا، جياڭمېن نېيترىنو تەجرىبە قۇرۇلمىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئىككى نېيترىنو تەۋرىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پارامېتىرى يېڭىلىنىپ، ئۆلچەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1.5 ھەسسىدىن 1.8 ھەسسىگىچە ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارادىكى باشقا تەجرىبىلەرنىڭ نەچچە ئون يىللىق جۇغلانمىسىدىن ئېشىپ كەتتى؛
ئەنخۇي خېفېيدا، دۆلىتىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد «سۈنئىي قۇياش» زىچ تىپتىكى يىغىلىش ئېنېرگىيەسى تەجرىبە قۇرۇلمىسى (BEST) قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، قۇرۇلما پۈتكەندىن كېيىن دېئوتېرىي، ترىتىي كۆيدۈرگۈچى تەڭ ئىيونلۇق جىسىم تەجرىبە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئىمپۇلسلىق مۇقىم ھالەتتىكى يۈرۈشۈش ئىقتىدارى دەلىللىنىدۇ...
غەلىبە خەۋەرلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىشى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاساس تەتقىقاتتا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پۇختا ئىزنالىرىنى نامايان قىلماقتا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساس تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم - پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاساس تەتقىقاتنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇملۇقىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن تىرەك بولۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاساس تەتقىقات ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش تېخىمۇ روشەنلەشتى. «گوۋۇيۈەننىڭ ئۇل پەن تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر چىقىرىلىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇش، كۆپ خىل سېلىنما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۇزاق دەۋرىيلىك باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئاساس تەتقىقاتنى تۈزۈملەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى.
سۇپا تىرىكىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى يادرولۇق كۈچ چىقاردى. «جۇڭگو تيەنيەن»، «سۈنئىي قۇياش»، جياڭمېن نېيترىنو تەجرىبە قۇرۇلمىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئالەم بوشلۇقى سىزىقى كۆزىتىش پونكىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلىم - پەن قۇرۇلمىلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ياكى قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، ئاساس تەتقىقات قاتتىق ماتېرىيال تىرىكىنىڭ دەرىجىسىنى ھالقىما ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىجادىي نەتىجىلەر بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، يېتەكلەپ يۈگۈرۈش ۋەزىيىتى تېز شەكىللەندى. چاڭئې 6 - نومۇر ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن 1935.3 گىرام ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، ئاي شارىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش سىرلىق يۈز ياپقۇسىنى ئېچىپ بەردى؛ كاربون تۆت ئوكسىدىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈش كىراخمالى بويىچە دۇنياۋى ئىجادىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كىۋانت ئۇچۇرى، گېن تەھرىرلەش، ئىلغار ماتېرىيال، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ئارقا - ئارقىدىن زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم «0دىن 1گىچە» بولغان ئىجادىي نەتىجىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دىڭ كۇيلىڭ چوڭقۇر تەسىرات بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاساس تەتقىقات تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ئاساس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساس تەتقىقاتقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئەڭ كۈچلۈك.
«كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، پەن تەتقىقات ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش ياساش - يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساس پەنلەر ۋە كىرىشمە پەنلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىلانىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن ئورگانىك تۇتاشتۇرىمىز» دېدى دىڭ كۇيلىڭ.
ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاش
تەجرىبىخانىدا، ئىجادىي تەتقىقات نەتىجىلىرى پۇختا قەدەمدە كىلىنىكىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى؛ پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە، ياش ئالىملار ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، باش رولچى بولۇپ، ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىدە «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىردى؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇلدى...
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچ.
ئاساستا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن قوللىنىشقا ئايلاندۇرۇشقىچە، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتىن ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تېز بۆسۈش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
− ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى سىستېمىلاشقان ئاساس تەتقىقات، ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىدىكى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئاساس تەتقىقات، بازار يۆنىلىشىدىكى قوللىنىشچان ئاساس تەتقىقاتنى تەشكىللىك ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
− دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلمىلىرى توپىنى ئېچىۋېتىپ ھەمبەھرىلىدى، مۇھىم پەن تەتقىقات سۇپىلىرى ماسلىشىپ كۈچ چىقاردى، پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ئىشتاتلاشقان پەن تەتقىقات بىلەن ئەركىن ئىزدىنىش بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. ماددا قۇرۇلمىسى، ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، ئاڭنىڭ ماھىيىتى قاتارلىق ئاساس ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىدە ئىنسانلارنىڭ بىلىش چېگراسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخنىكىدا ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تۈگىمەس مەنبە تەمىناتىغا ئىگە قىلدى.
− يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش - ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۈتۈن زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە، «كىتاب جازىسى»دىن «مال جازىسى»غا يۈزلەندۈردى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئالەم بوشلۇقى - چوڭقۇر دېڭىز، كىۋانت ئۇچۇرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپە دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ چېنلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئۆزىمىز مەنبەدىن ئېقىن سۇ، ئادەمسىز رايوندىن يول بەلگىسى ئېلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىدىكى خەلقئارا رىقابەت ماھىيەتتە ئاساس تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رىقابىتى بولۇپ، ئاساس تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئىگىلىگەندە، ئاندىن رىقابەت ۋە تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىنى چارلاش - يەرشارى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن يادرولۇق تېخنىكا ئارقىلىق ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە تىرەك بولۇشقىچە؛ ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىن خەلق تۇرمۇشى پەن - تېخنىكىسى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق ھالدا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشماقتا، جۇڭگو كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە.
پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
كۆپ يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ئالىملىرى دىققەتنى شال، بۇغداي قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەت ۋە بېلىق قاتارلىق ھايۋاناتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوسۇلنى %10تىن %20كىچە ئاشۇرىدىغان، سېلىنمىنى %15تىن %20كىچە تۆۋەنلىتىدىغان ۋە زىياننى %15تىن %20كىچە ئازايتىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈك سورتىنى دەل جايىدا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە «جۇڭگو ئۆزىكى» بەرپا قىلىش جەھەتتە بىر قاتار بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى؛
ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داليەن خىمىيە - فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ھىدروگېن گازى ۋە مېتالنى ئېلېكتىرود قىلغان «گاز - تۇراقلىق ھىدروگېن مەنپىي ئىيونلۇق ئەسلىي تىپ باتارېيە»سىنى ھاسىل قىلىپ، نورمال تېمپېراتۇرا، نورمال بېسىمدا ھىدروگېننى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساقلاشنى پۈتۈنلەي يېڭى تېخنىكا لىنىيەسى بىلەن تەمىنلىدى؛
ئالەم قاتنىشى سېپىدە ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئۇدا غەلىبە قازاندى: تيەنۋېن 2 - نومۇر سۈنئىي پىلانېتلارنى كېزىشكە ئاتلاندى؛ چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسى يۇقىرى زىچلىقتا قويۇپ بېرىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى؛ «تيەنگۇڭ» شياڭگاڭ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى تۇنجى قېتىم كۈتۈۋالدى... بىپايان ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە تەمكىن بولدى.
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەربىر كۆرۈنۈش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى نامايان قىلماقتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلدى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، تېخىمۇ زور سالماق ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە ئارقىلىق دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دەۋر بۇرغىسىنى ياڭراتتى.
نەنجىڭ داشۆنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى تەن جېمىن مۇنداق ئوبرازلىق ئوخشاتتى: ئاساس تەتقىقاتتا «چوڭقۇر ئېڭىشىپ يۈگۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» بولمىسا، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا «ئۇچۇپ ھالقىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئاساس تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا، يېپيېڭى بىلىش مەنزىلى ئېچىلىپ، ئىجادىي تېخنىكىلاردا يېڭىلىق ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
«ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاساس تەتقىقاتنى ئىرادە قىلغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىجاد قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى» دېدى تەن جېمىن.
دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇيۇل تاشتەك ئىرادە ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دادىل غەيرەت - شىجائەت ئارقىلىق دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇقەررەر ھالدا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)






