شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا تۈزىتىپ، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
ئامما شىمىگوۋ باغچىسىدىكى بەزى رايونلاردا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئاپتوموبىل شاۋقۇنىنىڭ باغچە رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نورمال ياشىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگوۋ رايونى دەرھال باغ - ئورمان، تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق تارماقلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.
چىملىق چېكىنىپ ئېچىلىپ قېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، شىمىگوۋ باغچىسى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى قانات يايدۇردى. شىمىگوۋ رايونلۇق باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى (ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى ۋېي جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە پۈتۈن باغچىدىكى بەش جايدا 1500 كىۋادرات مېتىر يەرنى ئاغدۇرۇش، تېرىش ۋە سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىش خىزمىتى تاماملاندى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى سىجىل ياخشى ئىشلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغچە رايونى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدىن ياڭرىغان ئاۋاز مىقدارىنى تەڭشىدى ھەم ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ ياڭراتقۇنى قويۇشنى يولغا قويدى. باغچە رايونىغا كىرگەن ئاپتوموبىللارنىڭ سىگنال بېرىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە باغچە رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتى.
5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مۇخبىر شىمىگوۋ باغچىسىدا باغچە ئىچىدىكى چىملىقتىكى چېكىنىپ ئېچىلىپ قالغان يەرلەرنىڭ قورشاپ قويۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن رايونغا «سىگنال بېرىشنى چەكلەش» بەلگىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆردى. شەھەر ئاھالىسى جوۋ ۋېنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: مەن دائىم بالامنى باغچىغا ئويناتقىلى ئېلىپ كېلىمەن. تۈزىتىلگەندىن كېيىن، باغچىنىڭ مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى.
ئامما مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسىغا بالىلار باغچىسىدىكى كۆپتۈرمە پەي توپ سارىيىنىڭ كۈندۈزى نۇر قايتۇرىدىغانلىقى، نۇردىن بۇلغىنىش مەسىلىسى ساقلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باغ - ئورمان، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەم تەۋەلىكتىكى دوستلۇق شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى قاتارلىقلار بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، بالىلار باغچىسىدىكى كۆپتۈرمە پەي توپ سارىيىنى «نۇر تەڭشەپ» ئۆزگەرتتى.
«بىز تىجارەتچىلەردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پەي توپ سارىيىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا يېقىن تەرەپتىكى كۆپتۈرمە بۆلىكىگە يوپۇق يېپىپ، نۇر توسۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يەتكۈزىدىغان تەسىرنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدۇق.» سايباغ رايونلۇق باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى (ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فۇ شىنجيەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى مەزگىلدە يەنە تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىمىز.
كۆپتۈرمە پەي توپ سارىيىنىڭ يېنىدىكى خۇيفاڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە جاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۆيىمىزدە تۇرساق، كۆپتۈرمىدىن قايتقان نۇر كۆزنى بەك چاقاتتى، ھاۋا ئىسسىق چاغلاردا نۇر ئۆيىمىزگە چۈشۈپ تېخىمۇ ئىسسىتىۋېتەتتى، ھازىر ياخشى بولدى، بۇ ئىش ياخشى ھەل بېجىرىلدى.»
مىدۇڭ رايونى مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان دېكۇن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر قىسىم گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئامما ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. مىدۇڭ رايونلۇق باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى (ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال قۇرۇلۇش تارماقلىرى ھەم كوچا باشقارمىسى، مەھەللە ۋە پىدائىيلارنى تەشكىللەپ 40 تۈپ ئەرمۇدۇن، ئۇزۇن شاخلىق قارىياغاچنى خالىسانە تولۇقلاپ تىكتى.
ئولتۇراق رايونغا يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەرنى كۆرۈپ، يېقىن ئەتراپتا سەيلە قىلىۋاتقان ئاھالە سۇڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: «ئويلىماپتىمەن، ئىككى كۈندىلا بۇ كۆچەتلەر تىكىلىپ بوپتۇ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى ھازىر تېخىمۇ ياخشىلاندى!»
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، تارماقلار ماسلىشىش، كوچا باشقارمىسى تەۋەلىك بويىچە مەسئۇل بولۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئىزلاپ تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.






