□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن فۇجىڭ
يېقىنقى مەزگىلدە دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن جايدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش» «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى.
تەبىئىي ئاپەتتە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار مەۋجۇت، جەزمەن ئەڭ ناچار ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاش كېرەك − بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بۇ تۆۋەن چەكنىڭ يادروسى دەل خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش.
كەلكۈن ئەھۋالى، خەتەرلىك ئەھۋال، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم غېمىدە بولۇپ، «تۆۋەن چەك تەپەككۇرى»نى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.
يەرلىكتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەيلى زور خەتەر كۆرۈلگەن نەق مەيداندا بولسۇن، ياكى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى: فۇجيەن فۇجوۋدا ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن، ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي ئۇدا ئۈچ كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى؛ جېجياڭ چاڭشىڭدا، باھار بايرىمى ھارپىسىدا 1000 مېتىرغا يېقىن چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقىغا چۈشۈپ ئىشچىلارنى يوقلىدى ھەم مۇنداق تاپىلىدى: «چوقۇم ھەربىر كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ، كۆپچىلىكنى خۇشال - خۇرام كان قۇدۇقىغا چۈشۈش، ئۆيىگە تىنچ - ئامان قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»...
2004 - يىلى 8 - ئايدا، «يۈننا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى جېجياڭدا قورۇقلۇققا چىقتى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى:
«<تاقابىل تۇرىمىز> دېگەندىن كۆرە، مۇھىم نۇقتىنى <مۇداپىئەلىنىش>كە قويغىنىمىز تۈزۈك» «تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسلىقى مۇداپىئەلىنىشىمىز، ساقلىنىشىمىز كېرەك» «تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىمىز كېرەك» «بېلىقچىلىق پورتىدا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك»... تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەنئەنىۋى پىكىر يولىدا كۆپىنچە «تاقابىل تۇرۇش»قا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ «مۇداپىئەلىنىش»نى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئادەم ئۆلمەسلىك، ئادەم ئاز يارىلىنىش»تىن ئىبارەت نىشاننى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئادەم ئۆلمەسلىك، ئادەم ئاز يارىلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن ئىشلەش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش كېرەك. جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشتا مىليون كىشىنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكەشكە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، تۆت پىرىنسىپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: «ئون قېتىم مۇداپىئەلىنىپ، توققۇز قېتىم قۇرۇق قېلىشقا بولىدۇكى، مۇداپىئەلىنىشتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئىشتىن بۇرۇن تىل ئاڭلاشقا بولىدۇكى، ئىشتىن كېيىن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بولمايدۇ؛ ئاپەتنىڭ يۈزبېرىشىگە ئىشىنىشكە بولىدۇكى، يۈزبەرمەسلىكىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ؛ ئاپەتنىڭ ئېغىر بولۇشىغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، يېنىك بولۇشىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.»
تۆت پىرىنسىپنىڭ ئارقىسىدا ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش بار: قارىماققا ھەممىنى سەپەرۋەر قىلىش، بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچەشنىڭ ھەممىسى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈندۇر.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈلدى: «زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە ھادىسە بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك» «بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل سىزىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك»...
تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇش ماھىيەتتە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەمىشە تەرەققىيات سۈرئىتىنى قوغلىشىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىگە سەل قارىغان - قارىمىغانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش.
بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى چاغلاردىكى «يوشۇرۇن نەتىجە» بولۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇپ، يوچۇقلارنى بىخ ھالىتىدە ئەتكەندىلا، ئاندىن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا «كۆرۈنەرلىك نەتىجە»نى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى بەرپا قىلىندى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىر گەۋدىلەشكەن خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى... يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.
بىخەتەرلىك خىزمىتىدە قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك» «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىككە سەل قاراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش قاتارلىق خاھىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك».
ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش ئاقىلانە تەدبىر. پەقەت تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش تەس بولغان تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاندىن «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)






