تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سىمونس بىلەن جۇڭگو - سۇرىنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سىمونس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سۇرىنام دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىمونس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - سۇرىنام ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

سىمونس مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، سۇرىنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم ۋە چوڭقۇر بولدى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، كېيىنكى 50 يىلغا نەزەر سالغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.