شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى ۋاندېر بېلېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. 2018 - يىلى، مەن زۇڭتۇڭ ۋاندېر بېلېن بىلەن جۇڭگو - ئاۋسترىيە دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى ئورتاق بېكىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاچتۇق. بۇلتۇر 5 - ئايدا يېڭى بىر جۈپ «مۈشۈكئېيىق ئەلچى» ۋىيېننادا نامايان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو - ئاۋسترىيە ئىككى دۆلەت دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قوللىغۇچىسى، ئەركىن سودىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش - ئۆزئارا ئىشىنىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا ئورتاق چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەن جۇڭگو - ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋاندېر بېلېن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
ۋاندېر بېلېن مۇنداق بىلدۈردى: 2018 - يىلى مەن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتكەن 55 يىلدا، ئاۋسترىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولدى، ئاۋسترىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەڭ ئالاقىنى ساقلىشى، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشى، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە نامايان بولماقتا. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.






